مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«شى جىنپىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش پىروگراممىسى» ناملىق كىتاب نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

2021.08.18 08:44 مەنبە: خەلق تورى

  شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى، بولۇپمۇ شى جىنپىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى «شى جىنپىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش پىروگراممىسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىروگرامما» دېيىلىدۇ) ناملىق كىتابنى تەشكىللەپ تۈزدى، خەلق نەشرىياتى، ئۆگىنىش نەشرىياتى بىرلىشىپ نەشر قىلدى، بۈگۈندىن باشلاپ پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلىدۇ.

  پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ۋە دۇنيانىڭ تەرەققىيات چوڭ ۋەزىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، تاشقى ئىشلار خىزمىتىدە بىر قاتار مۇھىم، زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىپ، شى جىنپىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈردى. شى جىنپىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىسىنى جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسى ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشنىڭ مۇھىم، زور نەزەرىيە نەتىجىسى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسىنىڭ دىپلوماتىيە ساھەسىدىكى مەركەزلىك ئىپادىسى، يېڭى دەۋردىكى دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار خىزمىتىنىڭ تۈپ مىزانى ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسى.

  «پىروگرامما» جەمئىي 14 باب، 46 تارماق، 128 ماددا بولۇپ، 100 مىڭ خەتكە يېقىنلىشىدۇ. پۈتۈن كىتابتا شى جىنپىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتى، مول ئىچكى خاس مەزمۇنى، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى، روھىي ماھىيىتى، ئەمەلىيەت تەلىپى سىستېمىلىق شەرھلىنىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ دىپلوماتىيە ساھەسىدىكى ئىجادىي خاراكتېرلىك تۆھپىسى ئومۇميۈزلۈك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. «پىروگرامما»نىڭ مەزمۇنى مول، قۇرۇلمىسى مۇكەممەل، ئەسلىي تېكىست، ئەسلىي ئەسەرگە سادىق، يېزىقچىلىق ئۇسلۇبى جانلىق، ئاممىباب بولۇپ، كەڭ كادىرلار، ئاممىنىڭ شى جىنپىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشىدىكى نوپۇزلۇق قوشۇمچە ئوقۇشلۇق ھېسابلىنىدۇ.

  مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى ۋە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرىدىن «شى جىنپىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش پىروگراممىسى»نى ئۆگىنىش پىلانىغا كىرگۈزۈپ، ئومۇميۈزلۈك سىستېمىلىق ئۆگىنىپ، ۋاقتىدا يېتىشىپ ئۆگىنىپ، چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈپ ئۆگىنىپ، ئەمەلىيەتكە باغلاپ ئۆگىنىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ