مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو بىلەن تۈركىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن

شى جىنپىڭ تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2021.08.06 13:51 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8-ئاينىڭ 4-كۈنى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 50 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو-تۈركىيە مۇناسىۋىتى پۇختا قەدەم بىلەن تەرەققىي قىلدى. 2010-يىلى ئىككى دۆلەت ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقاندىن كېيىن، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىق تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلدى. بۇلتۇردىن بۇيان، ئىككى تەرەپ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشتا ئۆزئارا قوللاپ، ۋاكسىنا ھەمكارلىقىدا مول نەتىجە-ئۈنۈمگە ئېرىشىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇقىنى چوڭقۇرلاشتۇردى. مەن جۇڭگو-تۈركىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ ئەردوغان بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، بىر-بىرىمىزنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان ۋە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلەردە ئۆزئارا چۈشىنىپ ۋە قوللاپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، جۇڭگو-تۈركىيە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشنى خالايمەن.

  ئەردوغان تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تۈركىيە-جۇڭگو ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ياخشى ئاساسقا ئىگە. ئۆتكەن يېرىم ئەسىردە، تۈركىيە بىلەن جۇڭگونىڭ سودا، سېلىنما، قاتناش، ساياھەت قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى غايەت زور تەرەققىياتقا ئېرىشتى. ئىككى دۆلەت ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىپ، رايون ۋە پۈتۈن يەر شارى مىقياسىدا ئاكتىپ تەسىر شەكىللەندۈردى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، ئىككى دۆلەت ئىتتىپاقلىشىپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ تەن ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلدى. تۈركىيە تەرەپ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، تۈركىيە-جۇڭگو ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ