مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ مەركەز مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ 10-قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ مۇنداق تەكىتلىدى

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات داۋامىدا ئورتاق بېيىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېغىر، زور پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تۈگىتىش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەش كېرەك

لى كېچياڭ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ قاتناشتى

2021.08.19 09:12 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى، مەركەز مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شى جىنپىڭ 8-ئاينىڭ 17-كۈنى مەركەز مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ 10-قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، ئورتاق بېيىشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش مەسىلىسىنى تەتقىق قىلدى، ئېغىر، زور پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تۈگىتىش، پۇل مۇئامىلىنى مۇقىم تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش مەسىلىسىنى تەتقىق قىلدى. شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئورتاق بېيىش سوتسىيالىزمنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات داۋامىدا ئورتاق بېيىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ پۇل مۇئامىلە زامانىۋى ئىقتىسادنىڭ يادروسى بولۇپ، تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىككە مۇناسىۋەتلىك، بازارلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، ئېغىر، زور پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تۈگىتىش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەش كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى، مەركەز مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى كېچياڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركەز مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋاڭ خۇنىڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، مەركەز مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ ئەزاسى خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، مەركەز يېزا خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ ئورتاق بېيىشقا پۇختا تۈرتكە بولۇشقا ئائىت مەسىلىلەر توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، جۇڭگو خەلق بانكىسى، جۇڭگو بانكا - سۇغۇرتىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش كومىتېتى، جۇڭگو ئاكسىيە نازارەتچىلىكى كومىتېتى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئېغىر، زور پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تۈگىتىش، پۇل مۇئامىلىنى مۇقىم تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە ئائىت مەسىلىلەر توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن كېيىن، پارتىيەمىز ئىجابىي ۋە سەلبىي ئىككى تەرەپتىكى تارىخىي تەجرىبىلەرنى چوڭقۇر يەكۈنلەپ، نامراتلىقنىڭ سوتسىيالىزم ئەمەسلىكىنى تونۇپ يېتىپ، ئەنئەنىۋى تۈزۈلمىنىڭ چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، بىر قىسىم كىشىلەر، بىر قىسىم رايونلارنىڭ ئالدىن بېيىشىغا يول قويۇپ، جەمئىيەت ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولدى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بارلىق خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇشنى تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، ئورتاق بېيىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ياخشى شارائىت ياراتتى. بىز ھازىر ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ ئاتلىنىۋاتىمىز، دۆلىتىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىپ، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇشتا، جەزمەن بارلىق خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خەلققە بەخت يارىتىشنىڭ كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئۇزاققىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلىشىمىز كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئورتاق بېيىش بارلىق خەلقنىڭ بېيىشى، خەلق ئاممىسىنىڭ ماددىي تۇرمۇش ۋە مەنىۋى تۇرمۇش جەھەتتە بىردەك بېيىشى بولۇپ، ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭ بېيىشى ئەمەس، شۇنداقلا رەتلىك، تەكشى بولغان تەڭ تەقسىماتچىلىقمۇ ئەمەس، باسقۇچقا بۆلۈپ ئورتاق بېيىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. تىرىشچانلىق بىلەن يېڭىلىق يارىتىپ بېيىشقا ئىلھام بېرىپ، تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ مائارىپنى قوبۇل قىلىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، تەرەققىيات ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تېخىمۇ ئومۇم مەنپەئەتدار، ئادىل بولغان شارائىت يارىتىپ بېرىپ، يۇقىرىغا قاراپ يۆتكىلىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىگە بېيىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىپ، ھەممە كىشى قاتنىشىدىغان تەرەققىيات مۇھىتىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىغا قويۇپ، «ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىك»تە چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكنى ئاساسىي گەۋدە قىلىش، كۆپ خىل مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىكنى ئورتاق تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئالدىن بېيىشىغا يول قويۇپ، ئالدىن بېيىغانلار كېيىنكىلەرنى بېيىشقا يېتەكلەپ، كېيىن بېيىغانلارغا ياردەم بېرىپ، تىرىشىپ ئەمگەك قىلىدىغان، قانۇنلۇق تىجارەت قىلىدىغان، ئىگىلىك تىكلەشكە جۈرئەت قىلىدىغان بېيىش باشلامچىلىرىغا نۇقتىلىق ئىلھام بېرىش كېرەك. قۇربىنىڭ يېتىشىچە ئىشلەپ، مادارىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئىلمىي بولغان ئاممىۋى سىياسەت سىستېمىسى ئورنىتىپ، ھەممە كىشى بەھرىمەن بولىدىغان مۇۋاپىق تەقسىمات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئېھتىياج بىلەن ئىمكانىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشنى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە مالىيە كۈچىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇشى ئاساسىغا ئورنىتىپ، ئۇللۇق، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، تولۇق كاپالەتلىك خەلق تۇرمۇشى كاپالىتى قۇرۇلۇشىنى نۇقتىلىق كۈچەيتىش كېرەك. تەرتىپلىك، تەدرىجىي ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئورتاق بېيىشنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكى، مۈشكۈللۈكى، مۇرەككەپلىكىنى تولۇق مۆلچەرلەپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئۈنۈملۈك يول ئۈستىدە ئىزدىنىشى، تەجرىبىلەرنى يەكۈنلىشى، تەدرىجىي ئىلگىرى سۈرۈشىگە ئىلھام بېرىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات داۋامىدا ئورتاق بېيىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۈنۈم بىلەن ئادىللىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، دەسلەپكى تەقسىمات، قايتا تەقسىمات، ئۈچىنچى قېتىملىق تەقسىماتنى ماسلاشتۇرۇش، يۈرۈشلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئۇل خاراكتېرلىك تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشىنى بەرپا قىلىپ، باج يىغىش، ئىجتىمائىي كاپالەت، يۆتكەپ چىقىم قىلىش قاتارلىقلارنى تەڭشەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ ھەم دەل جايىدا بولۇشىنى ئاشۇرۇپ، ئوتتۇراھال كىرىملىك كىشىلەر توپىنىڭ نىسبىتىنى كېڭەيتىپ، تۆۋەن كىرىملىك كىشىلەر توپىنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىپ، يۇقىرى كىرىمنى مۇۋاپىق تەڭشەپ، قانۇنسىز كىرىمنى چەكلەپ، ئوتتۇرىسى چوڭ، ئىككى بېشى كىچىك بولغان زەيتۇن شەكىللىك تەقسىمات قۇرۇلمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، جەمئىيەت ئادىللىقى، ھەققانىيلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بارلىق خەلقنى ئورتاق بېيىش نىشانىغا قاراپ پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىتىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: تەرەققىياتنىڭ تەڭپۇڭلۇقى، ماسلىشىشچانلىقى، سىغدۇرۇشچانلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى تېز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، رايونلار تەرەققىياتىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى كۈچەيتىپ، ساھەلەر تەرەققىياتىنىڭ ماسلىشىشچانلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش كېرەك. ئوتتۇراھال كىرىملىك كىشىلەر توپىنىڭ كۆلىمىنى كۈچەپ كېڭەيتىپ، مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇپ، دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزۈپ، تېخىمۇ كۆپ تۆۋەن كىرىملىك كىشىلەر توپىنىڭ ئوتتۇراھال كىرىملىكلەر قاتارىغا كىرىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق ئادەم كۈچى كاپىتالى سېلىنمىسىنى زورايتىپ، ياشانغانلار كۈتۈنۈش ۋە داۋالاش كاپالىتى سىستېمىسى، تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش سىستېمىسى، تۇرالغۇ تەمىناتى ۋە كاپالەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. يۇقىرى كىرىمنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە تەڭشەشنى كۈچەيتىپ، قانۇنلۇق كىرىمنى قانۇن بويىچە قوغداپ، زىيادە يۇقىرى كىرىمنى مۇۋاپىق تەڭشەپ، يۇقىرى كىرىملىك كىشىلەر توپى ۋە كارخانىلارنىڭ جەمئىيەتكە تېخىمۇ كۆپ جاۋاب قايتۇرۇشىغا ئىلھام بېرىش كېرەك. نامۇۋاپىق كىرىمنى ئېنىقلاپ، قېلىپلاشتۇرۇپ، كىرىم تەقسىماتى تەرتىپىنى رەتكە سېلىپ، قانۇنسىز كىرىمنى قەتئىي چەكلەش كېرەك. مۈلۈك ھوقۇقى ۋە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداپ، قانۇنلۇق بېيىشنى قوغداپ، تۈرلۈك كاپىتالنىڭ قېلىپلاشقان، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. خەلقنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى ئورتاق بېيىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى يېتەكچىلىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ كۆپ خىللاشقان، كۆپ قاتلاملىق، كۆپ تەرەپلىك مەنىۋى مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇش كېرەك. ئورتاق بېيىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئاممىۋى پىكىر يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، ئورتاق بېيىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ياخشى بولغان ئاممىۋى پىكىر مۇھىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. دېھقانلار، يېزىلارنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، يېزىلارنىڭ ئۇل ئەسلىھە ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى ياخشىلاش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا ئېغىر، زور خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تۈگىتىش ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ بىرى قىلىندى، بىرنەچچە يىلدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، گوۋۇيۈەن پۇل مۇئامىلە كومىتېتى «چوڭ ۋەزىيەتنى مۇقىملاشتۇرۇش، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش، تۈرگە ئايرىپ تەدبىر يۈرگۈزۈش، دەل جايىدا تۈگىتىش» ئاساسىي فاڭجېنى بويىچە خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىپ، ئېغىر، زور پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تۈگىتىش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە مۇھىم باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، سىستېمىلىق پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرى يۈزبەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى ساقلاپ، دۆلەتنىڭ ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە مۇقىملىقى ۋە خەلقنىڭ مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى كۈچلۈك قوغدىدى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى ئىنتايىن مۇھىم، زور. تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، سىستېما قارىشىنى كۈچەيتىپ، بازارلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، ئېغىر، زور پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تۈگىتىش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەش كېرەك. پۇل مۇئامىلە مۇقىملىقىنىڭ ئاساسىنى پۇختىلاپ، مۇقىم ئېشىش بىلەن خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ ياخشىلىنىش ۋەزىيىتىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى مۇستەھكەملەپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئارقىلىق سىستېما خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرىنى تۈگىتىپ، باشقا ساھەلەردىكى خەۋپ-خەتەرنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا ئىككىلەمچى پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرى كېلىپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. يەرلىك پارتىيە كومىتېتلىرى، ھۆكۈمەتلەرنىڭ تەڭ مەسئۇل بولۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، مېخانىزمنى راۋانلاشتۇرۇپ، ۋەزىپە-مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئىش تەقسىماتى بويىچە ماسلىشىپ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈش كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىدىكى كادىرلار قوشۇنىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى رەقەملەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە چىرىكلىكىنى جازالاش ۋە پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئىسلاھاتنى تېزلىتىپ، پۇل مۇئامىلە بازىرىنى ئاممىۋى پىكىر ئارقىلىق يېتەكلەشنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. پۇل مۇئامىلە قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى ۋە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كىرېدىت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كىرېدىتنىڭ پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرىنى پەرقلەندۈرۈش، كۆزىتىش-ئۆلچەش، باشقۇرۇش، بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق ھالقىلاردىكى ئۇللۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  مەركەز مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ