شىزاڭنىڭ تىنچ ئازاد قىلىنغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى

2021.08.20 11:41 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت تېلېگرامما ئەۋەتىپ تەبرىكلىدى

  شى جىنپىڭ لەۋھە تاختىسىغا «گۈزەل، بەختلىك شىزاڭ قۇرۇپ چىقىپ، ئۇلۇغ گۈللىنىش ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرايلى» دەپ بېغىشلىما يېزىپ بەردى

  ۋاڭ ياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 70 يىلدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولدى، 90 مىڭ چاقىرىم كۆكتە سۇمۇرغ پەرۋاز قىلدى. 8 - ئاينىڭ 19 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شىزاڭدىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى كادىرلار ۋە ئاممىدىن 20 مىڭدىن كۆپرەك كىشى بۇدالا سارىيى مەيدانىغا خۇشال جەم بولۇپ، شىزاڭنىڭ تىنچ ئازاد قىلىنغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ لەۋھە تاختىسىغا «گۈزەل، بەختلىك شىزاڭ قۇرۇپ چىقىپ، ئۇلۇغ گۈللىنىش ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرايلى» دەپ بېغىشلىما يېزىپ بەردى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقى ۋاڭ ياڭ تەبرىكلەش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  قەدىمىي شەھەر لاسادا رەڭدار بايراقلار لەپىلدەپ، گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلىپ، ھەممە جاي خۇشال - خۇرام بايرام كەيپىياتىغا چۆمدى. ھەيۋەتلىك بۇدالا سارىيى ئاستىغا زاڭزۇ ئۇسلۇبىدىكى يىغىن رەئىس سەھنىسى ياسالغانىدى. رەئىس سەھنىسىنىڭ ئۈستى تەرىپىدە ھەيۋەتلىك دۆلەت گېربى ۋە «شىزاڭنىڭ تىنچ ئازاد قىلىنغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى» دېگەن لوزۇنكا كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى، ئارقا كۆرۈنۈش تېمىغا تەنتەنىلىك يىغىن گېربى ۋە «1951» «2021» دېگەن سان ئېسىلغان بولۇپ، ئون قىزىل بايراق ئىككى تەرەپكە تىزىلغانىدى. رەئىس سەھنىسىنىڭ ئۇدۇلىدىكى بۇدالا سارىيى مەيدانىدا بايراملىق كىيىملىرىنى كىيگەن ھەر مىللەت ئامما تەرەپ - تەرەپتىن بۇ جايغا بالدۇرلا يىغىلىپ، قولىدىكى دۆلەت بايرىقى، گۈلدەستىلەرنى پۇلاڭلاتتى، بۇ جاي شاد - خۇراملىق دېڭىزىغا ئايلاندى.

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دا، شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى چىجالا يىغىننىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى. پۈتۈن مەيداندىكىلەر ئورنىدىن تۇرۇپ، دۆلەت شېئىرىنى ئېيتتى، قىپقىزىل بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق بۇدالا سارىيى مەيدانىدا ئاستا - ئاستا كۆتۈرۈلدى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقى يوۋ چۈەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ شىزاڭنىڭ تىنچ ئازاد قىلىنغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش توغرىسىدىكى تەبرىك تېلېگراممىسىنى ئوقۇپ ئۆتتى.

  ۋاڭ ياڭ شىزاڭ ئاپتونوم رايونى، شىزاڭ ھەربىي رايونى، قوراللىق ساقچى قىسىم شىزاڭ باش ئەترىتى، شىزاڭ ئاپتونوم رايونىنىڭ سىياسىي - قانۇن سىستېمىسى، جۇڭگو بۇددا دىنى جەمئىيىتى شىزاڭ شۆبە جەمئىيىتىگە ئايرىم - ئايرىم ھالدا باش شۇجى شى جىنپىڭ يېزىپ بەرگەن «گۈزەل، بەختلىك شىزاڭ قۇرۇپ چىقىپ، ئۇلۇغ گۈللىنىش ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرايلى» دېگەن لەۋھە تاختىسى ۋە لەۋھە تەقدىم قىلدى.

  قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە، ۋاڭ ياڭ تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: پۈتۈن مەملىكەت جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەۋاتقان پەيتتە، بىز شىزاڭنىڭ تىنچ ئازاد قىلىنغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋالدۇق. ئالدىنقى ئايدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ شىزاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولۇپ، شىزاڭنىڭ تىنچ ئازاد قىلىنغان 70 يىلدىن بۇيانقى تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە گۈزەل تىلەكلىرىنى يەتكۈزدى. بۈگۈن، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى ئېلىپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ چوڭقۇر دوستلۇق مېھرىنى ئېلىپ، شىزاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق بىلەن بىرلىكتە شىزاڭنىڭ تىنچ ئازاد قىلىنغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلىمەكتىمىز. ۋاڭ ياڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن شىزاڭ ئاپتونوم رايونىنى قىزغىن تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى؛ شىزاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا سەمىمىي سالام يوللىدى؛ ئۇزاقتىن بۇيان شىزاڭنىڭ تەرەققىياتى، ئىلگىرىلىشىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ۋە ئۇنى قوللاپ كېلىۋاتقان ھەر ساھەدىكى زاتلارغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ۋاڭ ياڭ مۇنداق دېدى: 1951 - يىلى شىزاڭنىڭ تىنچ ئازاد قىلىنىشى جۇڭگو خەلقىنىڭ ئازادلىق ئىشلىرى ۋە ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئىشلىرىدىكى مۇھىم، زور غەلىبە، شىزاڭغا نىسبەتەن دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە تارىخىي بۇرۇلۇش. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، شىزاڭ زۇلمەتتىن يورۇقلۇققا، قالاقلىقتىن ئىلغارلىققا، نامراتلىقتىن بېيىشقا، مۇستەبىتلىكتىن دېموكراتىيەگە، بېكىنمە ھالەتتىن ئېچىۋېتىشكە قاراپ ماڭىدىغان داغدام يولغا قەدەم قويدى، گۈللەپ ياشنىغان سوتسىيالىستىك يېڭى شىزاڭ دۇنيانىڭ چوققىسىدا ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈردى.

  ۋاڭ ياڭ مۇنداق دېدى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىزاڭ تەرەققىيات ئەڭ ياخشى بولغان، ئۆزگىرىش ئەڭ زور بولغان، ئامما ئەمەلىي نەپكە ئەڭ كۆپ ئېرىشكەن يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى. ئىقتىسادنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى ئۈچ ئورۇندا تۇردى، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئۇدا كۆپ يىل پۈتۈن مەملىكەت بويىچە 1 - ئورۇندا تۇردى، شەھەر - بازارلىشىش نىسبىتى 13 پىرسەنت پوئېنت ئۆرلىدى. قەتئىي بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق، 628 مىڭ نامرات نوپۇسنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، 266 مىڭ كىشى تاغلىق، چەت يىراقتىكى قەھرىتان سوغۇق بولىدىغان جايلاردىن دەريا ۋادىسى بويىدىكى شەھەر - بازارلارغا كۆچۈپ خاتىرجەم ياشاپ، خۇشال - خۇرام ئىشلىمەكتە، شىزاڭ پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بىرلىكتە ئۆز قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقتى.

  ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان زور ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى باشتىن كەچۈرمەكتە، دۆلىتىمىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرماقتا، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسى باشلاندى، شىزاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىمۇ يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرماقتا. بىز شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز 7 - قېتىملىق شىزاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە شىزاڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىزاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قارلىق ئېگىزلىكنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىشىمىز كېرەك.

  ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باشتىن - ئاخىر پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىش كېرەك؛ شىزاڭنىڭ ئىناق، مۇقىم بولغان ياخشى ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەپ، تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە چېگرا رايوننىڭ مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك؛ خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، قار - مۇزلۇقمۇ بىر بايلىق، دېگەن ئىدىيەنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئېگىزلىكى بەرپا قىلىش كېرەك.

  ۋاڭ ياڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، «ئىلگىرىكى شىزاڭ روھى»، «ئىككى يول روھى»غا ۋارىسلىق قىلىپ، ئىتتىپاق، باي، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل بولغان سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان يېڭى شىزاڭ قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلايلى.

  شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋۇ يىڭجيې يىغىندا سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىزاڭنى ئىدارە قىلىش، شىزاڭنى مۇقىم قىلىش، شىزاڭنى گۈللەندۈرۈش ئىشلىرىدا ھەر تەرەپلىمە ئىلگىرىلەشلەر، تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. يېڭى دەۋردە، بىز مەركەز 7 - قېتىملىق شىزاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىزاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىزاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، گۈزەل، بەختلىك شىزاڭ قۇرۇپ چىقىش، ئۇلۇغ گۈللىنىش ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشقا ئىرادە باغلىدۇق.

  شىزاڭ ھەربىي رايونىنىڭ سىلىڭيۈەنى ۋاڭ كەي، ئامما ۋەكىلى دەن زېڭ، شىزاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار ۋەكىلى لياڭ نەنيۈمۇ يىغىندا سۆز قىلدى.

  «ۋەتەننى كۈيلەيمەن» ناملىق جۇشقۇن مېلودىيە ئىچىدە، تىنچلىق كەپتەرلىرى قانات قېقىپ پەرۋاز قىلدى، رەڭلىك شارلار ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى، نەق مەيداندا قىزغىن ئالقىش سادالىرى ۋە تەنتەنە سادالىرى ياڭرىدى، تەبرىكلەش يىغىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى.

  مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقلىرىدىن بەيما چىلىن، جاڭ چىڭلى، مياۋ خۇا ۋە مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بارلىق ئەزالىرى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پابالا گېليېلاڭجيې ھەمدە شىزاڭ ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە مەسئۇللىرى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ