مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ مالايسىيانىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن زۇڭلىسى ئىسمائىل سابىرىغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 8–ئاينىڭ 23–كۈنى ئىسمائىل سابىرىغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ مالايسىيا زۇڭلىسى بولغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

2021.08.25 11:48 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25 - ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: لى كېچياڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن مالايسىيا دېڭىز ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدىغان ئەنئەنىۋى دوستانە قوشنا دۆلەتلەر، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ئۇزاققىچە ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاپ كەلدى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى قويۇق ۋە چوڭقۇر بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە ئەمەلىي مەنپەئەت ئېلىپ كەلدى، رايون مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى. مەن زۇڭلى ئىسمائىل سابىر بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ۋە تەرەققىيات ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭگو-مالايسىيا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ