مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش نۇقتىلىق تەكلىپلەرنى بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش بويىچە كېڭىشىش يىغىنى ئاچتى

ۋاڭ ياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى

2021.08.25 12:33 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25 - ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 24-ئاۋغۇست، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ «چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكىنىڭ ئەسلىدىكى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئاسراش ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشىگە ئۇيغۇنلىشىشنى كۈچەيتىش» تېمىسىدىكى نۇقتىلىق تەكلىپلەرنى بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش بويىچە كېڭىشىش يىغىنى جۇڭگو مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، تارىخقا، خەلققە، دۇنياغا مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، يەر شارى كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە ئىنسانلار پائالىيىتىنىڭ چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكىگە بولغان تەسىرىنى ئىلمىي باھالاپ، كۆپ خىل تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، «جۇڭخۇا سۇ مۇنارى» ۋە «يەر شارى 3-قۇتۇپى» نى ھەقىقىي ياخشى قوغداپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەڭگۈلۈك تەرەققىياتىنى ئۇزاق مۇددەتلىك ئارقا تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك. تەكلىپلەرنى بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، كېڭىشىش ئۇسۇلىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداش ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشىگە ئۇيغۇنلىشىش خىزمىتىدە پائال ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  بۇ يىلقى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىدىن ليۇ يامىڭ، يۈ رۇسۇڭ «چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئاسراش ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشىگە ئۇيغۇنلىشىشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى تەكلىپ» نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. بۇ قېتىمقى كېڭىشىش يىغىنىدا، جۇڭگو مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى دۆلەت كىلىمات مەركىزى، جۇڭگو مېتېئورولوگىيە ئىلمىي تەتقىقات ئورنى، چىليەنشەن تېغى دۆلەت باغچىسى چىڭخەي ئۆلكىلىك باشقۇرۇش ئىدارىسىدىكى ئالاقىدار يولداشلار يىغىندا نەق مەيدانى ۋە سىن ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى. ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى، پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقى، جۇڭگو مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى، دۆلەت ئورمانچىلىق-ئوتلاق ئىدارىسىنىڭ مەسئۇللىرى تەكلىپ بېجىرىش ئەھۋالى ۋە خىزمەت پىلانلىرىنى دوكلات قىلدى. ليۇ دۇڭشېڭ، گې چۈەنشېڭ، ياۋ تەندۇڭ، دىڭ يىخۇي، شۈ شياڭدې، جاڭ شياۋجى قاتارلىق يەتتە ئەزا ۋە مۇتەخەسسىس يىغىندا سۆز قىلدى ھەم تەكلىپ بېجىرىشنى ئۈستىگە ئالغان ئورۇنلار بىلەن تولۇق كېڭىشىپ پىكىر ئالماشتۇردى.

  كۆپچىلىك مۇنداق قارىدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداشقا مىسلىسىز دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىلدى، ئالاقىدار رايون ۋە تارماقلار نۇرغۇن ئۈنۈملۈك خىزمەتلەرنى ئىشلىدى، ئېگىزلىكنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئەھۋالى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى بارا-بارا ئەسلىگە كەلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكىنىڭ تەبىئىي ئېكولوگىيە سىستېمىسى ئەسلىدىنلا ئاجىز ھەم سەزگۈر بولۇپ، يەر شارى كىلىماتىنىڭ ئىللىپ كېتىشى ۋە ئىنسانلار پائالىيىتىنىڭ تەسىرى بىلەن قىسمەن جايلار قار سىزىقى ئۆرلەش، مۇزلۇقنىڭ چېكىنىشى، توڭ تۇپراقنىڭ ئېرىپ كېتىشى قاتارلىق مەسىلىلەرگە ئەھمىيەت بېرىشكە توغرا كېلىدۇ. چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكىنىڭ ئاتموسفېرا، مۇزلۇق، يىغىندى قار، توڭ تۇپراق، كۆل، ئورمان، ئوت-چۆپ قاتارلىق كۆپ قاتلاملىق ئۇنىۋېرسال ئىستېرېئولۇق كۆزىتىش تورىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆزىتىش پونكىتلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئېگىزلىكنىڭ ئېكولوگىيەلىك كىلىمات سانلىق مەلۇمات ئامبىرى قۇرۇپ، ئېگىزلىك مۇھىتىنىڭ ئۆزگىرىش مېخانىزمىنى ئېچىش كېرەك. ئېگىزلىك كىلىماتىنىڭ ئۆزگىرىشىدىكى خەۋپ-خەتەردىن سىگنال بېرىش سىستېمىسىنى قۇرۇپ، كەلكۈن، لاتقا-شېغىللىق ئېقىن، قېلىن قار، مۇز گۈمۈرۈلۈش قاتارلىق ئاپەت خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئېگىزلىكتىكى مۇھىم ۋە زور قۇرۇلۇشلارنىڭ كىلىمات مۇمكىنچىلىكىنى دەلىللەشنى قانات يايدۇرۇپ، مۇزلۇقلارنىڭ ھەرىكەتلىنىشى، قار ۋە توڭ تۇپراق ئېرىشىنىڭ ئۇل ئەسلىھەلەرگە بولغان يوشۇرۇن تەسىرىنى ئىلمىي باھالاپ، پەن-تېخنىكىنىڭ كىلىمات بىخەتەرلىكىگە تىرەك بولۇش كاپالەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئېگىزلىك كىلىمات بايلىقىنى ئىلمىي ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، بۇلۇت، سۇ بايلىقى، شامال ۋە قۇياش ئېنېرگىيەسى بايلىقىنى مۇۋاپىق ئېچىپ پايدىلىنىش كېرەك. كىلىماتنىڭ ئىللىپ نەملىشىشىدىن ئىبارەت «كۆزنەك مەزگىلى» نى چىڭ تۇتۇپ، ماسلىشىشچانلىقى ۋە ناچار شارائىتقا تاقابىلچانلىقى كۈچلۈك يەرلىك دەرەخ تۈرلىرى، ئوت-چۆپ سورتلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، ئورمان، ئوت-چۆپ يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە قوغداشنى ئىلمىي يولغا قويۇپ، كاربون بىرىكمىسى تەتقىقاتىدىكى يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاش كېرەك. چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئاسراش ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىش تارماقلىرىنىڭ بىرلەشمە خىزمەت مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بايلىق كۈچى تارقاق بولۇش، ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىلىنىش مېخانىزمى كەمچىل بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، دۆلەت زېمىن بوشلۇقى يىرىك پىلانى بىلەن يەرلىك ۋە تارماقلارنىڭ يىرىك پىلانىنى جىپسىلاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قوشۇمچە باش كاتىپى لى بىن يىغىنغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ