خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 23-ئاۋغۇست جۇڭگو — شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەقەملىك ئىقتىساد كەسپى مۇنبىرى، 2021-يىللىق جۇڭگو خەلقئارا ئەقلىي ئىقتىدارلىق كەسىپلەر كۆرگەزمىسىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: دۇنيا رەقەملىك ئىقتىساد تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان مەزگىلگە قەدەم قويماقتا، G5، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، ئاقىل شەھەر قاتارلىق يېڭى تېخنىكا، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى سۇپا جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، يەر شارىۋى پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو رەقەمنى كەسىپلەشتۈرۈش، كەسىپنى رەقەملەشتۈرۈشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، رەقەملىك تېخنىكا بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى پەيتىدە، جۇڭگو ھەر قايسى ئەزا دۆلەتلەر بىلەن «شاڭخەي روھى»نى نۇرلاندۇرۇپ، رەقەملىك ئىقتىساد خەلقئارا ھەمكارلىقىغا يېقىندىن قاتنىشىپ، رەقەملەشتۈرۈش، تورلاشتۇرۇش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇپ، رەقەملىك ئىقتىساد ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىشنى خالايدۇ.
جۇڭگو — شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەقەملىك ئىقتىساد كەسپى مۇنبىرى، 2021-يىللىق جۇڭگو خەلقئارا ئەقلىي ئىقتىدارلىق كەسىپلەر كۆرگەزمىسى بىرلا ۋاقىتتا ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، شۇ كۈنى چۇڭچىڭ شەھىرىدە باشلاندى.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ