مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەن جېڭ «ئىككى يۇقىرى» تۈرلەرنى قارىغۇلارچە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قەتئىي توسۇش تېلېۋىزىيە- تېلېفون يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككى يۇقىرى» تۈرلەرنى قارىغۇلارچە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قەتئىي توسۇش كېرەك

2021.08.27 14:18 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27 - ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «ئىككى يۇقىرى» تۈرلەرنى قارىغۇلارچە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قەتئىي توسۇش تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنى 8– ئاينىڭ 26–كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. يىغىندا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، مەخسۇس تەكشۈرۈشتە بايقالغان مەسىلىلەر تەھلىل قىلىنىپ، «ئىككى يۇقىرى» تۈرلەرنى قارىغۇلارچە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قەتئىي توسۇشنىڭ كېيىنكى باسقۇچلۇق نۇقتىلىق خىزمەتلىرى تەتقىق قىلىنىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى.خەن جېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى «ئىككى يۇقىرى» تۈرلەرنى قارىغۇلارچە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قەتئىي توسۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىنى كۆزلەپ، بۇ مۇھىم، زور ۋەزىپىنى سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ تونۇپ ۋە چۈشىنىپ، دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككى يۇقىرى» تۈرلەرنى قارىغۇلارچە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قەتئىي توسۇش خىزمىتىنى ئەمەلىي، ياخشى تۇتۇپ نەتىجە-ئۈنۈم ھاسىل قىلىشى كېرەك.

  خەن جېڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، «ئىككى يۇقىرى» تۈرلەرنى قارىغۇلارچە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قەتئىي توسۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. تەلەپكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان «ئىككى يۇقىرى» تۈرلەرنى قەتئىي تۈزىتىش، باشلىغان تۈرلەرنى قەتئىي قاتتىق تىزگىنلەش، ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى قوش تىزگىنلەش تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان يېڭى تۈرلەرنى قايتا تەستىقلىماسلىق كېرەك. ئۆزىنى ئۆزى تەكشۈرۈش، ئۆزىنى ئۆزى تۈزىتىشنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ئىش باشلىغان، تەستىقلاتماي تۇرۇپ ئاۋۋال قۇرۇلۇش باشلىغان تۈرلەرنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، قانۇن - بەلگىلىمىگە خىلاپ كارخانىلارنى قانۇن بويىچە قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. «ئىككى يۇقىرى» تۈرلەرنى تىزىملىك بويىچە باشقۇرۇش، تۈرگە ئايرىپ بىر تەرەپ قىلىش، ھەرىكەت ھالىتىدە نازارەت قىلىشنى يولغا قويۇش كېرەك. «ئىككى يۇقىرى» تۈرلەرنى تەستىقلاش، باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، كۈندىلىك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قانۇن، تەرتىپ بويىچە ئىش بېجىرىشتە چىڭ تۇرۇپ، مەنبەدىن كونترول قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك. دۆلەتنىڭ تەرەققىيات پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسەت سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىدلەش، ئېنېرگىيە ئىشلىتىشتىن سىگنال بېرىش، كېلىشىپ سۆھبەتلىشىش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق خىزمەت مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، بىر يۈرۈش مۇكەممەل تۈزۈم سىستېمىسى ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  خې لىفېڭ يىغىنغا قاتناشتى. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار، ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى، ھەرقايسى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ مەسئۇللىرى شۆبە يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى. دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى قىسمەن رايونلارنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا «ئىككى يۇقىرى» تۈردە ئىش باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى ۋە ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق، شەندۇڭ ئۆلكىلىك، خۇنەن ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەسئۇللىرى سۆز قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ