مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن تېلېفونلاشتى

2021.08.26 21:21 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 25-ئاۋغۇست رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن تېلېفونلاشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن رۇسىيە «جۇڭگو-رۇسىيە ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق ھەمكارلىق شەرتنامىسى» ئىمزالانغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى تەبرىكلەشنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقى ۋە ھەر تەرەپلىمە ئەمەلىي ھەمكارلىقىدا بىر قاتار يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇھىم تىرەككە ئىگە قىلدى، شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشتىكى مۇستەھكەم تۈۋرۈكلۈك رولىنى جارى قىلدۇردى. ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ھەمكارلىق ساھەسىنى كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك. ھازىر يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى تۇراقسىز ھالەتتە تۇرماقتا، خەلقئارانىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ۋەزىپىسى مۈشكۈل، جۇڭگو رۇسىيە بىلەن ۋاكسىنا تەتقىق قىلىپ ئىشلەپچىقىرىش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ۋاكسىنا يەر شارى تەمىنات زەنجىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قوغداپ، ئىنسانىيەت سەھىيە ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن جۇڭگو-رۇسىيە كۈچىنى قوشۇشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاياغنىڭ پۇتقا دەل كەلگەن ياكى كەلمىگەنلىكىنى كىيگەن كىشىلا بىلىدۇ. قايسى خىل تۈزۈمنىڭ جۇڭگو بىلەن رۇسىيەگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقى ھەققىدە ئىككى دۆلەت خەلقى پىكىر بايان قىلىشقا ئەڭ ھوقۇقلۇق. جۇڭگو بىلەن رۇسىيە يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھلىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشقا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىنى ئۆز قولىدا چىڭ تۇتۇشى كېرەك. جۇڭگو رۇسىيەنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى، رۇسىيەنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن قوللانغان تەدبىرلىرىنى قەتئىي قوللايدۇ. ئىككى تەرەپ بۇ يىل شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا قوللاشنى كۈچەيتىپ، رايون دۆلەتلىرىنىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قوغدىشى كېرەك.

  ئىككى تەرەپ ئافغانىستان ۋەزىيىتى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو ئافغانىستاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقى، زېمىن پۈتۈنلىكىگە ھۆرمەت قىلىدۇ، ئافغانىستاننىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئافغانىستان مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشتا ئىجابىي رول ئويناپ كەلدى. جۇڭگو رۇسىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا جەمئىيەتتىكى ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئافغانىستاندىكى ھەر قايسى گۇرۇھلارنى ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان سىياسىي رامكا بەرپا قىلىش ئۈستىدە كېڭىشىپ، ئىچكى-تاشقى سىياسەتلەرنى مۆتىدىل ۋە مۇقىم يولغا قويۇپ، تۈرلۈك تېررورلۇق تەشكىلاتلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئۈزۈل-كېسىل ئۈزۈپ، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر، بولۇپمۇ ئەتراپىدىكى دۆلەتلەر بىلەن دوستانە چىقىشىپ ئۆتۈشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ.

  پۇتىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رۇسىيە رۇسىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدىن مەمنۇن. بۇ يىل «رۇسىيە-جۇڭگو ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق، ھەمكارلىق شەرتنامىسى» ئىمزالانغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى، بۇ رۇسىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتىدە ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇنىڭدىن 76 يىل ئىلگىرى رۇسىيە بىلەن جۇڭگو دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشتا غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن غايەت زور مىللىي قۇربانلىق بېرىپ، ھەل قىلغۇچ تۆھپە قوشتى. ھازىرقى ۋەزىيەتتە ئىككى تەرەپ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇپ، بىر-بىرىنى قەتئىي قوللاپ، 2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ غەلىبە مېۋىسىنى، تارىخىي ھەقىقىي ئەھۋالىنى قوغدىشى كېرەك. رۇسىيە بىر جۇڭگو سىياسىتىدە چىڭ تۇرىدۇ، جۇڭگونىڭ تەيۋەن، شياڭگاڭ، شىنجاڭ ۋە نەنخەي دېڭىزى قاتارلىق مەسىلىلەردە ئۆزىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىنى قوغداشتەك ھەققانىي مەيدانىنى قەتئىي قوللايدۇ، ھەرقانداق تاشقى كۈچنىڭ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرۈشنى سىياسىيلاشتۇرۇشقا قارشى تۇرىدۇ، جۇڭگو بىلەن ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  پۇتىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئافغانىستان ۋەزىيىتىنىڭ نۆۋەتتىكى ئۆزگىرىشى تاشقى كۈچلەرنىڭ ئۆزىنىڭ سىياسىي ئەندىزىسىنى مەجبۇرىي يولغا قويۇش سىياسىتىنىڭ ئاقمايدىغانلىقىنى، بۇ پەقەت ئالاقىدار دۆلەتلەرگە بۇزغۇنچىلىق ۋە ئاپەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. رۇسىيە بىلەن جۇڭگو ئافغانىستان مەسىلىسىدە ئوخشاش مەيدان ۋە ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە، رۇسىيە جۇڭگو بىلەن زىچ ئالاقىلىشىپ ۋە ماسلىشىپ، ئافغانىستانغا چېتىشلىق مەسىلىلەردە كۆپ تەرەپلىك مېخانىزمغا پائال قاتنىشىپ، ئافغانىستان ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىم ئۆتۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېررورلۇققا زەربە بېرىپ، زەھەر ئەتكەسچىلىك يوللىرىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، ئافغانىستاننىڭ خەۋپسىزلىك خېيىم-خەتىرىنىڭ سىرتقا چىقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، تاشقى كۈچلەرنىڭ ئارىلىشىشى ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا تاقابىل تۇرۇپ، رايون بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشنى خالايدۇ.

  ئىككى تەرەپ بىردەك مۇنداق دەپ قارىدى: ھازىر خەلقئارا ۋە رايون ۋەزىيىتى مۇرەككەپ ئۆزگىرىپ تۇرۇۋاتىدۇ، جۇڭگو-رۇسىيەنىڭ ئىككى تەرەپ ۋە كۆپ تەرەپلىك زور مەسىلىلەردە ۋاقتىدا پىكىر ئالماشتۇرۇشى ئىنتايىن مۇھىم ۋە زۆرۈر، داۋاملىق تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق قويۇق ئالاقىنى ساقلاشقا قوشۇلىمىز.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ