مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ شەرقىي شىمال رايونى قاتارلىق كونا سانائەت بازىلىرىنى گۈللەندۈرۈش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنى ئېچىلدى

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەپ كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، شەرقىي شىمالنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئۈزلۈكسىز يېڭى قەدەم تاشلاش لازىم

خەن جېڭ قاتناشتى

2021.08.26 10:25 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 23-ئاۋغۇست، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى، گوۋۇيۈەن شەرقىي شىمال رايونى قاتارلىق كونا سانائەت بازىلىرىنى گۈللەندۈرۈش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنى ئېچىلىپ، «14-بەش يىل»لىق پىلان مەزگىلىدىكى شەرقىي شىمالنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش خىزمىتى مۇزاكىرە قىلىنىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، گوۋۇيۈەن شەرقىي شىمال رايونى قاتارلىق كونا سانائەت بازىلىرىنى گۈللەندۈرۈش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا شەرقىي شىمالنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنىڭ «14-بەش يىل»لىق يولغا قويۇش لايىھەسى، لياۋنىڭ دېڭىز بويى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يىرىك پىلانى ۋە شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈش مەخسۇس يۆتكىمە چىقىم مەبلىغىنى باشقۇرۇش چارىسى مۇزاكىرە قىلىنىپ ماقۇللاندى. لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: شەرقىي شىمال دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىدە مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا ئىگە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شەرقىي شىمال رايونى جاسارەت بىلەن تىرىشتى، ئالاقىدار تەرەپلەر زور كۈچ بىلەن قوللىدى، شەرقىي شىمالنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا پائال ئىلگىرىلەش بولدى. ھازىر شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈش يەنىلا داۋان ئېشىپ ئۆتكەلدىن ئۆتىدىغان ئاچقۇچلۇق باسقۇچتا تۇرۇۋاتىدۇ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش تەلىپى بويىچە شەرقىي شىمال رايونىنىڭ ئاكتىپلىقى، ئىجادچانلىقىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، مەركەز مالىيەسىنىڭ قوللىشىنى داۋاملىق زورايتىپ، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، رايونلارئارا نىشانلىق ھەمكارلىقنى ياخشى ئىشلەپ، قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، يېڭى پەللىگە چىقىش ئاساسىدا شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈشتە تېخىمۇ زور ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: شەرقىي شىمالنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چوقۇم تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىپ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ ئىسلاھاتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئۈنۈملۈك بازار بىلەن ياراملىق ھۆكۈمەتنىڭ تېخىمۇ ياخشى بىرلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. تىجارەت-سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى تېخىمۇ زور ئۇرغۇتۇپ، باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «سۇ قويۇپ بېرىپ بېلىق بېقىپ» بازار سۇبيېكتىنى يېتىلدۈرۈش، زورايتىش كېرەك. دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ بازار رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئادىل رىقابەتنى قوغداپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. تېخىمۇ كۆپ كارخانا ۋە ئىختىساسلىقلارنى شەرقىي شىمالدا تەرەققىي قىلىشقا جەلپ قىلىش لازىم.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: شەرقىي شىمالنىڭ دېڭىز بويى، چېگرا بويى قاتارلىق رايون ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. دېڭىز بويى ئىقتىساد بەلبېغىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، چېگرا بويىدىكى ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، پورت توپىنىڭ تەسىر كۆرسىتىش، تۈرتكە بولۇش رولىنى كۈچەيتىپ، شەرقىي شىمالىي ئاسىيا ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشىغا پائال قاتنىشىش كېرەك. RCEP ئىمزالانغاندىن كېيىنكى يېڭى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئېچىۋېتىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، خەلقئارا ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىدا رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: شەرقىي شىمال رايونىنىڭ كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىش كېرەك. يېزا ئىگىلىكىنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بازىسى قۇرۇلۇشى بىلەن يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. كارخانىلارنى تەتقىق قىلىپ يارىتىش خىراجىتىنى قوشۇپ ھېسابلاپ چىقىرىۋېتىش قاتارلىق دۆلەت سىياسەتلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، يېڭىلىق يارىتىش سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلەپ، جابدۇق ياسىمىچىلىقى قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى بازارلاشتۇرۇش چارىسىدىن پايدىلىنىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، گۈللەنمە كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى ئۆزئارا يۈرۈشلەشتۈرۈپ، يۈرۈشلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرىدىغان كەسىپ ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ۋە پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئۆز جايىدا ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈشتە تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا خەلق تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلىشىشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇشىنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش بوشلۇقىنى كېڭەيتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ ئاساسىي ھوقۇق-مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ ۋاقتىدا، تولۇق تارقىتىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، مائارىپ، داۋالاش، كۈتۈنۈش، ھاۋالىلىك تەربىيەلەش قاتارلىق ئاممىۋى مۇلازىمەتنى كۈچەيتىپ، مەركەز مالىيەسىنىڭ مەخسۇس يۆتكىمە چىقىمىنى قوللاشنى بۇ جەھەتلەرگە مايىللاشتۇرۇش كېرەك. كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، جىددىي تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىستېمالنى كېڭەيتىش ۋە ئۈنۈملۈك مەبلەغ سېلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. بۇ يىل شەرقىي شىمالدا كەلكۈن مەزگىلى بالدۇر كەلدى، نۆۋەتتە بىر قىسىم دەريا-ئېقىنلاردا سۇ يەنىلا ئېھتىيات سىزىقىدىن ئېشىپ كەتتى ياكى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتتى، مەلۇماتقا قارىغاندا، يېقىندا يەنىلا قاتتىق يامغۇر ياغىدىكەن، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتنى ئازايتىش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى سىجىل ياخشى تۇتۇپ، قىشلىق پار بىلەن تەمىنلەش تەييارلىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

  سۈن چۈنلەن، خۇ چۈنخۇا، ۋاڭ يۇڭ، شياۋ جيې يىغىنغا قاتناشتى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ