6 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىيات - سەنئەت كۆرىكىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى ئەدەبىيات - سەنئەت كېچىلىكى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

​شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ ئويۇننى كۆردى

2021.09.02 13:06 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ناخشا ساداسى ياڭراپ، بەختلىك تۇرمۇشقا مەدھىيە ئوقۇلدى؛ لەرزان ئۇسسۇل قەدەملىرى ئۇلۇغۋار ئىرادە، جۇشقۇن ھېسسىياتنى ئىزھار قىلدى. 6 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىيات - سەنئەت كۆرىكىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى ئەدەبىيات - سەنئەت كېچىلىكى 8 - ئاينىڭ 31 - كۈنى كەچتە بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى تەخمىنەن 3000 ئامما بىلەن بىرلىكتە كېچىلىكنى كۆردى.

  خەلق سارىيىنىڭ 10 مىڭ كىشىلىك چوڭ زالىدا چىراغلار چاقناپ، ھەممە يەردە شادلىق سادالىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. سائەت 20لەردە، شى جىنپىڭ قاتارلىقلار كېچىلىك نەق مەيدانىغا كەلدى، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى. شادىيانە، قىزغىن باشلانغان «ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ قەلبى پارتىيەگە تەلپۈنىدۇ» ناملىق ناخشا - ئۇسسۇل ھەر مىللەت خەلقنىڭ پارتىيەنىڭ 100 يىللىق تۇغۇلغان كۈنىگە چوڭقۇر بەخت تىلىگەنلىكىنى نامايان قىلىپ، باشلىنىش مۇراسىمى ئەدەبىيات - سەنئەت كېچىلىكىنىڭ «ئىتتىپاقلىشىپ يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش» مۇقەددىمىسىنى باشلىدى. پۈتۈن كېچىلىك يېڭى يول ئېچىش، يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش، يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىشتىن ئىبارەت ئۈچ سەھىپىدىن تەركىب تاپقان. دېكلاماتسىيەلىك ئويۇن «قان قېرىنداش»، ئۇسسۇل «قارلىق دالىدىكى ئىللىق قۇياش»، چاتما ناخشا «يىللار ناخشىغا ئوخشايدۇ»، كۆرۈنۈشلۈك ناخشا - ئۇسسۇل «كەنتتىكى بۇلۇت تۇرمۇشى»، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى بولغان ناخشا - ئۇسسۇل «نۇرلۇق مەرۋايىت جۇڭخۇانى چاقناتتى»، ساز تەڭكەش قىلىنغان ناخشا «بەختكە چۆمۈلگەن شادلىق ناخشىسى»، ئۇسسۇل «يىراققا سەپەر»... ھەربىر نومۇرنىڭ مىللەت خاسلىقى روشەن، ئىپادىلەش شەكلى كۆپ خىل، دەۋر پۇرىقى قويۇق بولۇپ، سەرخىل نومۇرلار ئارقا - ئارقىدىن ئورۇنلىنىپ، كېچىلىكنىڭ كەيپىياتىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى. پۈتۈن كېچىلىكتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى ۋە ھەر مىللەت خەلققە بولغان سەمىمىي غەمخورلۇقى قىزغىن مەدھىيەلەندى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ رەڭدارلىقى، مول ئىچكى خاس مەزمۇنى جانلىق نامايان قىلىندى، ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغانلىقىدەك ھەيۋەتلىك يۆگىمە رەسىم جانلىق سۈرەتلەپ بېرىلدى، جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى قۇرۇش، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش، كۆتۈرەڭگۈ ھالدا يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشتەك قەتئىي ئىرادىسى ۋە جەسۇرانە شىجائىتى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈلدى، پۈتۈن مەيداندا بىردەم - بىردەم قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى. ئەڭ ئاخىرىدا، «بۇ بىزنىڭ گۈزەل ماكانىمىز» ناملىق قايناق مېلودىيە ۋە ھەر مىللەت ئارتىسلىرىنىڭ چوڭقۇر ھېسسىياتتا ئورۇنلىغان ئۇسسۇلى بىلەن كېچىلىك ئاخىرلاشتى.

  ئويۇن باشلىنىشتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى ئەدەبىيات - سەنئەت كۆرىكى ئارتىسلىرى ۋەكىللىرى، تەشكىللەش ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرى، 56 مىللەتتىن بولغان مۇنەۋۋەر ئاساسىي قاتلام پارتىيە ئەزالىرى ۋەكىللىرى قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشتى ھەم ئۇلار بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.

  دىڭ شۆشياڭ، سۈن چۇنلەن، جاڭ يوۋشيا، خۇاڭ كۇنمىڭ، سەي چى، يوۋ چۈەن، بەيما چىلىن، شياۋ جيې، ما بياۋ، باتېر ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

  6 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىيات - سەنئەت كۆرىكىنى دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى، دۆلەت رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى، مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى ۋە بېيجىڭ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان. كۆرەك ۋاقتى 8 - ئاينىڭ 31 - كۈنىدىن 9 - ئاينىڭ 24 - كۈنىگىچە بولۇپ، بۇ مەزگىلدە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن تاللىنىپ كۆرەككە قاتناشتۇرۇلغان 42 نومۇر مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تورى ۋە دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى تور بېكىتىدە كۆرسىتىلىدۇ.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ