شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى(دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)نىڭ ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى

ئېتىقادى مۇستەھكەم، پارتىيەگە سادىق بولۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، تىرىشىپ چوڭ ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان، مۇھىم ۋەزىپىنى زىممىگە ئالالايدىغان دۆلەتنىڭ تايانچلىرىدىن بولۇش كېرەك

ۋاڭ خۇنىڭ قاتناشتى

2021.09.03 09:24 مەنبە: خەلق تورى

  مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى(دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)نىڭ 2021 - يىلى كۈز مەۋسۇمىلىق ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسى 9 - ئاينىڭ 1 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپىدە ئوقۇش باشلىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: ياش كادىرلار ئۇلۇغ دەۋرگە توغرا كەلگەن، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىدىكى جەڭگىۋار قوشۇن بولۇپ، جەزمەن ئىچكى ماھارەتنى ياخشى مەشىق قىلىپ، ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، ئېتىقادى مۇستەھكەم، پارتىيەگە سادىق بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە ئەھمىيەت بېرىپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، نەتىجە يارىتىشقا ماھىر بولۇپ، پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، تۆۋەن چەكتىن ئېشىپ كەتمەي، ئىجتىھات بىلەن ئۆگىنىپ، جاپاغا چىداپ مەشىق قىلىپ، قابىلىيەتنى كۈچەيتىپ، تىرىشىپ چوڭ ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان، مۇھىم ۋەزىپىنى زىممىگە ئالالايدىغان دۆلەتنىڭ تايانچلىرىدىن بولۇپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئۈمىدى ۋە مۇھىم تاپشۇرۇقىنى يەردە قويماسلىقى كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغان 100 يىلدىن بۇيان، باشتىن - ئاخىر يۈكسەك غايە ۋە مۇستەھكەم ئېتىقادقا ئىگە پارتىيە بولۇپ كەلدى. بۇ غايە - ئېتىقاد دەل ماركسىزملىق ئېتىقاد، كوممۇنىزم ئۇلۇغۋار غايىسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسىدۇر. غايە - ئېتىقاد جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مەنىۋى تۈۋرۈكى ۋە سىياسىي روھى، شۇنداقلا پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى، بىرلىكىنى ساقلاشنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسى. پارتىيەلىك كادىرلاردا مۇستەھكەم غايە - ئېتىقاد بولغاندىلا، ئاندىن تۈرلۈك سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىپ، پۇختا يۈرەلەيدۇ، يىراققا يۈرەلەيدۇ؛ غايە - ئېتىقادى بولمىسا ياكى غايە - ئېتىقادى مۇستەھكەم بولمىسا، ئوڭۇشسىزلىق ۋە قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ، ئاچقۇچلۇق پەيتتە شەخسىي غەرەز، ھەرخىل خىياللار پەيدا بولىدۇ، ھەتتا جىددىي پەيتتە جەڭدىن قاچىدۇ. مۇستەھكەم غايە - ئېتىقادنى شەكىللەندۈرۈش ھەم بىردىنلا ۋۇجۇدقا چىقىدىغان ئىش ئەمەس، ھەم بىر ئەجىر بىلەن مەڭگۈ راھەت كۆرىدىغان ئىشمۇ ئەمەس، شۇڭا كۈرەش ئەمەلىيىتىدە ئۈزلۈكسىز تاۋلىنىشى، سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىشى كېرەك. ياش كادىرلار شۇنى ئېسىدە چىڭ ساقلىشى كېرەككى، غايە - ئېتىقادنى مۇستەھكەملەش ئۆمۈرلۈك تېما، دائىم تەربىيەلىنىشكە، دائىم تاۋلىنىپ تۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ، بۇنىڭغا بىر ئۆمۈر ئىشىنىشى، ئۇنى بىر ئۆمۈر ساقلىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: غايە - ئېتىقادنىڭ مۇستەھكەم بولۇشى بىلەن پارتىيەگە سادىق بولۇش زىچ مۇناسىۋەتلىك. غايە - ئېتىقاد مۇستەھكەم بولغاندىلا، ئاندىن پارتىيەگە سادىق بولغىلى بولىدۇ، پارتىيەگە سادىق بولۇش غايە - ئېتىقادتا مۇستەھكەم بولۇشنىڭ ئەڭ ياخشى شەرھلىنىشى. پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ پارتىيەگە سادىق ياكى سادىق ئەمەسلىكىنى تەكشۈرۈشتە، ئىنقىلاب يىللىرىدا پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى ئۈچۈن ئاتاكىغا ئۆتۈپ ئىستىھكامغا ھۇجۇم قىلالىغان - قىلالمىغانلىقى، پىداكارلىق كۆرسەتكەن - كۆرسەتمىگەنلىكىگە قارىلاتتى، تىنچلىق مەزگىلىدىمۇ ئېنىق تەكشۈرۈش ئۆلچىمى بار. مەسىلەن، پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىيالىغان - ساقلىيالمىغانلىقى؛ پارتىيەنىڭ نەزەرىيە ۋە لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجرا قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم - كوتسىز جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرەلىگەن - ئەمەلىيلەشتۈرەلمىگەنلىكى؛ پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، سىياسىي جەھەتتە زېرەك ئادەم، سەمىمىي ئادەم بولالىغان - بولالمىغانلىقى؛ پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، تەشكىلىي قارارنى ئاڭلىق ئىجرا قىلىپ، تەشكىلنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بويسۇنغان - بويسۇنمىغانلىقى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى پارتىيەگە سادىق بولۇشنى بىۋاسىتە تەكشۈرۈش ھېسابلىنىدۇ. تەشكىل ياش كادىرلارنى جاپالىق، چەت، يىراق رايونلارغا بېرىپ ئىشلەشكە ئورۇنلاشتۇردى، بۇ ئۇلارغا بولغان ئىشىنىش، شۇنداقلا ئۇلارنى يېتىشتۈرۈشتۇر، ياش كادىرلار بۇنىڭدىن شەرەپ ھېس قىلىشى، بەس - بەستە ئىشلىشى كېرەك. پىچاقنى تاشتا بىلەش، ئادەمنى ئىشتا چېنىقتۇرۇش كېرەك، بوران - چاپقۇننى باشتىن كەچۈرمەي، كۆپ ئىشلارنى كۆرمەي تۇرۇپ ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش قىيىن.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەممىدە ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇش بىزنىڭ مەسىلىلەرنى ئويلىشىمىز، تەدبىر بەلگىلىشىمىز، ئىش بېجىرىشىمىزنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى. ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ئەمەلىيەتكە چوڭقۇر چۆكۈش، ئەمەلىيەتنى چۈشىنىشتىن ئىبارەت، مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ئەمەلىيەتنى چۈشىنىشتە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي ماھارەتنى ئىگىلەش كېرەك. تۆۋەنگە نەزەر سېلىپ، قەدەمنى تۆۋەنگە ئېلىپ، دائىم تىرىشىپ ئىشلەپ، بىرىنچى سەپكە چۆكۈپ، يېقىندىكى، يىراقتىكىلەرنىڭ ھەممىسىگە بېرىپ، ياخشى، ناچارلىرىنىڭ ھەممىسىنى كۆرۈپ، كادىرلار، ئاممىنىڭ ماختىشى ۋە تەنقىدلىرىنىڭ ھەممىسىگە قۇلاق سېلىپ، ھەقىقىي تۈردە ئەھۋالنى پۇختا، تولۇق ئىگىلەش كېرەك. ھەم ئاساسىي قاتلامغا «چوڭقۇر چۆكۈش»، تېخىمۇ مۇھىمى ئاساسىي قاتلامغا «رىشتە باغلاش»، راست گەپنى ئاڭلاش، ھەقىقىي ئەھۋالنى تەكشۈرۈش، مەسىلىلەرنى ھەقىقىي تەتقىق قىلىش، ھەقىقىي مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىش كېرەك، ئۆزىنى كۆرسىتىش شەكلىدىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، تەشتەك مەنزىرىسى شەكلىدىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، يۈزەكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا بولمايدۇ. چوڭقۇر تەھلىل قىلىش، پىكىر يۈرگۈزۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، شاكىلىنى چىقىرىۋېتىپ مېغىزىنى قوبۇل قىلىش، ساختىسىنى چىقىرىۋېتىپ ھەقىقىسىنى ساقلاپ قېلىش، بىر ھادىسىدىن يەنە بىر ھادىسىگە ئۆتۈپ، تاشقى ھادىسىدىن ئىچكى ماھىيىتىنى ئىگىلەش، شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتى ۋە قانۇنىيىتىنى تېپىپ چىقىش، مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسىنى تېپىپ چىقىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇش ئىدىيەۋى ئۇسۇل مەسىلىسى بولۇپلا قالماي، يەنە پارتىيەۋىلىكنىڭ كۈچلۈك - كۈچلۈك ئەمەسلىك مەسىلىسىدۇر. ھازىرقى كادىرلار قوشۇنىنىڭ ئەمەلىيىتىدىن قارىغاندا، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇشتا ھەل قىلىشقا ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغىنى پارتىيەۋىلىك مەسىلىسىدۇر. كادىرلارنىڭ ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن - ئىزدىمىگەنلىكىگە نۇرغۇن جەھەتتىن قاراش كېرەك، ئەڭ نېگىزلىكى راست گەپ، سەمىمىي گەپ قىلغان - قىلمىغانلىقىغا، ئەمەلىي ئىش قىلىش، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلىگەن - كۆزلىمىگەنلىكىگە قاراش كېرەك. ياش كادىرلار پارتىيەۋىلىكنى مەۋقە قىلىپ ئىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سەمىمىي سۆزلەش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، سەمىمىي ئادەم بولۇشنى پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن تەربىيەلىنىش ۋە چېنىقىشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇشقا جۈرئەت قىلىپ، مۇستەقىل پىكىر يۈرگۈزۈشكە ماھىر بولۇپ، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇشتا چىڭ تۇرۇشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىش قىلىش، ئىشنى زىممىگە ئېلىش كادىرلارنىڭ ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتى، شۇنداقلا قىممىتى. پارتىيەنىڭ كادىرلارنى ھەرقايسى ئىش ئورۇنلىرىغا قويۇشى كۆپچىلىكنىڭ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ ئىش قىلىشى ئۈچۈندۇر، ھەرگىزمۇ ئەمەل تۇتۇپ راھەت كۆرۈش ئۈچۈن ئەمەس. ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق خىزمىتى شۇنچە كۆپ، خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشتە مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش كېرەك. مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش بىلەن نەتىجە يارىتىش بىر گەۋدىلەشكەن بولۇپ، قىلىدىغاننى قىلماسلىق مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالمىغانلىق بولىدۇ، نەتىجە يارىتىش ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش كېرەك. ئىش قىلغاندا ھامان خەۋپ - خەتەر بولىدۇ. خەۋپ - خەتەر بولغاچقا، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئومۇمەن، پارتىيە ۋە خەلققە پايدىلىق بولغانلىكى ئىشلاردا قىيىنچىلىقتىن قاچماسلىقىمىز، مەسئۇلىيەتتىن باش تارتماسلىقىمىز، دادىللىق بىلەن ئىشلىشىمىز، قەتئىيلىك بىلەن ئىشلىشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇش كوممۇنىستلارنىڭ مۇھىم پەزىلىتى، بىر كادىرنىڭ لاياقەتلىك - لاياقەتلىك ئەمەسلىكىنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم ئۆلچەم. كوممۇنىستلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، «ياخشىچاق ئەپەندى» ھەقىقىي ياخشى ئادەم ئەمەس. ياخشىچاقلىققا ئەمەل قىلغان ئادەمدە ئادىل قەلب بولمايدۇ، پەقەت شەخسىي غەرەز بولىدۇ، توغرا كەيپىيات بولمايدۇ، پەقەت چاكىنىلىق بولىدۇ، ئۆزى ياخشى بولغىنى بىلەن، كەيپىياتنى، كەسىپنى بۇزىدۇ. كوممۇنىستلار پارتىيەۋىلىككە ئەھمىيەت بېرىش، پىرىنسىپقا ئەھمىيەت بېرىشتە، جەزمەن كۈرەش قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. پىرىنسىپال مەسىلىلەردە قەتئىي بىپەرۋالىق قىلىشقا بولمايدۇ، قەتئىي يول قويۇشقا بولمايدۇ، بولمىسا پارتىيە ۋە خەلققە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغان، ھەتتاكى جىنايەت ئۆتكۈزگەن بولىدۇ. چوڭ ھەق - چوڭ ناھەق ئالدىدا پىرىنسىپقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، كىچىك ئىش، كىچىك ھالقىلاردىمۇ پىرىنسىپقا ئەھمىيەت بېرىدىغان مەسىلىلەر بولىدۇ. پارتىيەنىڭ كادىرلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئادىل ئىش قىلىدىغان، يۈز - خاتىر قىلمايدىغان روھ بولۇشى، پىرىنسىپقا ئەھمىيەت بېرىپ يۈز - خاتىر قىلماسلىقى، پارتىيەۋىلىككە ئەھمىيەت بېرىپ ئادىل ئىش قىلىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھازىر، دۇنيادا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئاچقۇچلۇق مەزگىلگە كىردى، بىز دۇچ كەلگەن خەۋپ - خەتەر، خىرىسلار كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى، ھەمىشە خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ئويلاش، كۈرەش قىلىشنى خالىماسلىق ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس. خام خىيالنى چۆرۈپ تاشلاپ، باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىپ، پىرىنسىپال مەسىلىلەردە بىر قەدەممۇ يول قويماسلىق، ئالىقانچىلىك زېمىننىمۇ تارتقۇزۇپ قويماسلىق، مىسلىسىز ئىرادە، خىسلەت بىلەن دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغداش كېرەك. كوممۇنىستلاردا ھەرقانداق ۋاقىتتا رەزىللىكتىن قورقمايدىغان، ياۋۇزلاردىن قورقمايدىغان، بوشاڭلىق قىلمايدىغان جاسارەت، غۇرۇر، شىجائەت بولۇشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: قائىدىگە ئەھمىيەت بېرىش، تۆۋەن چەكنى ساقلاشتا ئالدى بىلەن ئەيمىنىدىغان قەلب بولۇش كېرەك. قەلبىدە ئەيمىنىش بولسا، ئاندىن گەپ - سۆزدە ئېھتىيات قىلىدۇ، ھەرىكىتىگە چەك قويىدۇ. كادىرلار چوقۇم ئەيمىنىشنى بىلىپ، ھەزەر ئەيلەپ، تۆۋەن چەكنى ساقلاپ، پارتىيەدىن ئەيمىنىشى، خەلقتىن ئەيمىنىشى، قانۇن - ئىنتىزامدىن ئەيمىنىشى كېرەك. تەربىيەلىنىشتە تەلەپچان بولغاندىلا، ئاندىن ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويغىلى بولىدۇ. بىر كادىر دۇنيا قارىشى، كىشىلىك ھايات قارىشى، قىممەت قارىشىنىڭ باش كەيگۇەنىنى چىڭ ئېتىپ، ئىدىيەۋى ئاڭ، مەنىۋى مەنزىلنى ئۆستۈرگەندىلا، ئاندىن چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىقتىن چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان بولىدۇ. بىز كوممۇنىستلارنىڭ مەقسىتى ئادالەت، ساقلايدىغىنىمىز ھەقىقەت، ئىنتىلىدىغىنىمىز ئەڭ ئالىي يۈكسەكلىك، شۇنداقلا دۇرۇس، ھەققانىي بولۇپ، ئۆزىنى ئەخلاق ئارقىلىق باشقۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر پارتىيە ۋە خەلقنى قەلبىمىزنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئورنىغا قويۇپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئومۇم ئۈچۈن ئىشلەيدىغان، دۇرۇس، زەررىچە چاڭ - توزاننى ئۆزىگە قوندۇرمايدىغان ئادەم بولۇشتىن ئىبارەت.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىز مىسلىسىز ئۆزگىرىش دەۋرىدە تۇرۇۋاتىمىز، ئىلگىرىكىلەر قىلىپ باقمىغان ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلىۋاتىمىز، ئەگەر بىلىمىمىز يېتەرلىك، نەزەر دائىرىمىز كەڭ، ئىقتىدارىمىز كۈچلۈك بولمىسا، ئىشلارغا دەخلى يەتكۈزۈپ قويىمىز. ياش كادىرلارنىڭ روھى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، تەپەككۇرى جانلىق، قوبۇل قىلىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولۇپ، دەل ئىقتىدارى ئۆسىدىغان، قابىلىيىتى ئۆسىدىغان چوڭ ياخشى مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ، چوقۇم ۋاقىتنى قەدىرلەپ، گۈزەل دەۋرنى قەدىرلەپ، تەشنالىق بىلەن ئۆگىنىپ، بىر دەقىقىمۇ توختىماي يۈكسىلىش كېرەك. «ۋاقىت چىقىرىش» بىلەن «ئىزدىنىش» روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كۆپ كىتاب ئوقۇپ، ياخشى كىتاب ئوقۇپ، كىتابتىن ئەقىل - پاراسەت ۋە ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلىش كېرەك. خىزمەت ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىپ، نېمە ئىش قىلسا شۇنى ئۆگىنىش، نېمە كەمچىل بولسا شۇنى تولۇقلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ماركسىزم نەزەرىيەسى، بولۇپمۇ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنى ئۆگىنىپ، پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تارىخى، سوتسيالىزمنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى ئۆگىنىپ، ئىقتىساد، سىياسىي، قانۇن، مەدەنىيەت، جەمئىيەت، باشقۇرۇش، ئېكولوگىيە، خەلقئارا قاتارلىق ھەرقايسى جەھەتلەردىكى ئاساس خاراكتېرلىك بىلىملەرنى ئۆگىنىپ، ئۆز خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان يېڭى بىلىم، يېڭى ماھارەتلەرنى ئۆگىنىپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشتا زۆرۈر بولغان بىلىم سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگەندە ھەقىقىي بىلىم ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ھەقىقىي قابىلىيەت يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ. ئىشلەش داۋامىدا ئۆگىنىش، ئۆگىنىش داۋامىدا ئىشلەشتە چىڭ تۇرۇش رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئۆسۈپ - يېتىلىشىدىكى مۇقەررەر يول. ئوخشاشلا ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشتىمۇ ھەقىقىي تۈردە چىن كۆڭلىدىن كۆڭۈل قويۇش - قويماسلىق، خۇلاسىلەپ، پىكىر يۈرگۈزۈشكە ماھىر بولۇش - بولماسلىقتىن، نەتىجىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى، يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشنىڭ تېز - ئاستىلىقى ئوخشاش بولمايدۇ. ئەگەر ئالدىراش بولۇپ، پەقەت ماشىنىدەكلا ئىش قىلسا، ئىشۋازلىققا پېتىپ قېلىپ، تونۇش ۋە خىزمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ناھايىتى قىيىن بولىدۇ.

  چىن شى ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى، ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: ياش كادىرلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىدىيە ۋە خىزمەت ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، نەزەرىيە ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن تەربىيەلىنىشنى ئۆستۈرۈپ، سىياسىي پەزىلىتىنى تاۋلاپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان قابىلىيەتنى چېنىقتۇرۇپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە باتۇرلۇق بىلەن ئالدىدا مېڭىشى، تۆھپە قوشۇپ نەتىجە يارىتىشى كېرەك.

  دىڭ شۆشياڭ، خۇاڭ كۇنمىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى(دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)نىڭ 2021 - يىلى كۈز مەۋسۇمىلىق ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ كۇرسانتلىرى ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى، مەركەزنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا سىرتتىن قاتناشتى.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ