مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ 2021-يىللىق جۇڭگو خەلقئارا مۇلازىمەت سودىسى يەرمەنكىسى يەر شارى مۇلازىمەت سودا باشلىقلار يىغىنىدا ۋىدېيولۇق سۆز قىلدى

2021.09.03 12:15 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3 - سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9-ئاينىڭ 2-كۈنى كەچتە 2021-يىللىق جۇڭگو خەلقئارا مۇلازىمەت سودىسى يەرمەنكىسى يەر شارى مۇلازىمەت سودا باشلىقلار يىغىنىدا ۋىدېيولۇق سۆز قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مۇلازىمەت سودىسى خەلقئارا سودىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى ۋە خەلقئارا ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنىڭ مۇھىم ساھەسى بولۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. جۇڭگو ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇلازىمەت سودىسىنىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ۋە ئېشىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، مەملىكەت بويىچە چېگرا ھالقىغان مۇلازىمەت سودىسى پاسسىپ تىزىملىكىنى يولغا قويۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەت مۇلازىمەت سودىسىدا يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتىدا ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ؛ ھەمكارلىق بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» نى تەڭ قۇرۇش دۆلەت مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاشنى كۈچەيتىپ، دۇنيا بىلەن جۇڭگونىڭ تېخنىكا تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولىدۇ؛ مۇلازىمەت ساھەسىنىڭ قائىدە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، بېيجىڭ قاتارلىق جايلارنىڭ خەلقئارا يۇقىرى سەۋىيەلىك ئەركىن سودا كېلىشىمى قائىدىسى بىلەن جىپسىلىشىشىنى ئالدىن يولغا قويۇش، ئالدىن سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللاپ، رەقەملىك سودا ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى بەرپا قىلىدۇ؛ ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتىنى داۋاملىق قوللاپ، يېڭى ئۈچ بۆلەك ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بېيجىڭ ئاكسىيە بىرژىسى تەسىس قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارغا مۇلازىمەت قىلىش ئاساسىي بازىسى بەرپا قىلىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بىز قول تۇتىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇپ، قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىپ، تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، ئورتاق پايدا ئېلىشتىن ئىبارەت «ئالتۇن ئاچقۇچ» تىن پايدىلىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، نۆۋەتتىكى دۇنيا ئىقتىسادى، خەلقئارا سودا ۋە مەبلەغ سېلىشتا دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى بىرلىكتە يارىتىشىمىز كېرەك!

  2021-يىللىق جۇڭگو خەلقئارا مۇلازىمەت سودىسى يەرمەنكىسى 9-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن 7-كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدۇ، يەرمەنكىدە «رەقەم ئارقىلىق كەلگۈسىنى يارىتىپ، مۇلازىمەت ئارقىلىق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش» باش تېما قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ