مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

2021.09.02 21:19 مەنبە: خەلق تورى

  بازار سۇبيېكتى، بولۇپمۇ ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا ياردەم بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، سىياسەت زاپىسىنى دەۋرىيلىك تەڭشەشنى كۈچەيتىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ دۆلەت ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلى ئارقىلىق قوللاشنى كۈچەيتىپ، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار تېخىمۇ كۆپ ئوقۇغۇچىلارنى خاتىرجەم ئوقۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش قارار قىلىندى؛ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى قانۇنى (تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى)» ماقۇللاندى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 1-سېنتەبىر گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا بازار سۇبيېكتى، بولۇپمۇ ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا ياردەم بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، سىياسەت زاپىسىنى كۈچەيتىپ، دەۋرىيلىك تەڭشەشنى ياخشى ئىشلەش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ دۆلەت ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلى ئارقىلىق قوللاشنى كۈچەيتىپ، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار تېخىمۇ كۆپ ئوقۇغۇچىلارنى خاتىرجەم ئوقۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش قارار قىلىندى؛ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى قانۇنى (تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى)» ماقۇللاندى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىشتا مۇھىمى بازار سۇبيېكتىغا، بولۇپمۇ مىقدارى كۆپ، دائىرىسى كەڭ بولغان ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنى قوللاش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، كۆپ مىقدارلىق تاۋارلار باھاسىنىڭ تۆۋەنلىمەسلىكى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت تەننەرخىنىڭ ئۆرلىشى، ئېلىم ھېسابىدىكى پۇلنىڭ كۆپىيىشى، يۇقۇم، ئاپەتنىڭ تەسىرى قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىدىن ياخشى پايدىلىنىش ئاساسىدا، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەدبىر قوللىنىپ بازار سۇبيېكتىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى مۇۋاپىق دائىرىدە ساقلاش كېرەك.

  بىرىنچىدىن، ياردەم بېرىش سىياسىتىنىڭ سالمىقىنى زورايتىش كېرەك. بۇ يىل يەنە 300 مىليارد يۈەن كىچىك كارخانىلارنى قوللاش تەكرار قەرز پۇل سوممىسىنى كۆپەيتىپ، يەرلىك قانۇنىي ئىگە بانكىلارنىڭ كىچىك، مىكرو كارخانىلار ۋە يەككە سودا-سانائەتچىلەرگە قەرز پۇل تارقىتىشىغا مەدەت بېرىش لازىم. يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئېغىر ئۇچرىغان ساھەلەردىكى كارخانىلارغا ياردەم ئۆسۈملۈك قەرز پۇل بېرىش ۋە مۇكاپات-تولۇقلىما بېرىش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. بانكىنىڭ كىچىك مىكرو كارخانىلارغا تېخىمۇ كۆپ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق ئىناۋەتلىك قەرز پۇل تارقىتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. دۆلەت مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېپىللىك فوندى خەۋپ-خەتىرى تولۇقلىمىسى مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، كېپىللىك ئاپپاراتلىرىنىڭ رەنە بۇيۇمى ۋە ئىناۋەت خاتىرىسى كەمچىل بولغان كىچىك، مىكرو كارخانىلارنى كېپىللىك بىلەن تەمىنلىشىنى قوللاش كېرەك. پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى ۋېكسېل دىسكونتى ۋە ئۆلچەملىك ۋېكسېل ئارقىلىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشكە يېتەكلەپ، خەلق بانكىسى تەكرار دىسكونت مەدىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ پۇل ئىگىلەش بېسىمىنى پەسەيتىش كېرەك.

  ئىككىنچى، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىجارەت-سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تۈزۈم خاراكتېرلىك سودا تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، مۈلۈك ھوقۇقى ۋە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداپ، ئادىل رىقابەتنى قوغداپ، تەرەققىيات ئىشەنچىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىشنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش لازىم. قالايمىقان ھەق ئېلىش، قالايمىقان سېلىق سېلىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ پۇلىنى بەرمەسلىكنى ئېنىقلاش مەخسۇس ھەرىكىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇش لازىم. يەرلىكنىڭ نىشانلىق ياردەم بېرىش-يۆلەش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىغا ئىلھام بېرىپ، ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ تەننەرخ ئېشىش بېسىمىنى يېنىكلىتىش كېرەك.

  ئۈچىنچى، دەۋر ھالقىغان تەڭشەشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەش كېرەك. يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەخسۇس قەرز رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنىڭ كېڭىيىشىگە تۈرتكە بولۇش لازىم. خەلقئارا مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئاساسەن سىياسەت زاپىسىنى كۈچەيتىپ، كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈشتىكى قىسمەن سىياسەتلەرنىڭ مۇددىتى توشقاندىن كېيىنكى داۋاملاشما سىياسەتنى تەتقىق قىلىپ ۋە مۇۋاپىق پەيتتە يولغا قويۇپ، قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ سىلىق، ساغلام تەرەققىياتى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش كېرەك.

  ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ غەم-ئەندىشىسىنى تېخىمۇ ياخشى پەسەيتىپ، ئۇلارنىڭ خاتىرجەم ئوقۇشىغا، ئوقۇشتا نەتىجە قازىنىشىغا ياردەم بېرىپ، مائارىپ ئادىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، يىغىندا دۆلەتنىڭ ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلى سىياسىتىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش قارار قىلىندى. بىرىنچىدىن، بۇ يىل كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ قەرز پۇل نورمىسى ئۆستۈرۈلۈپ، تولۇق كۇرس، مەخسۇس كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىغا بېرىلىدىغان ئەڭ يۇقىرى قەرز پۇل سوممىسى 8000 يۈەندىن 12 مىڭ يۈەنگە ئۆستۈرۈلىدۇ، ئاسپىرانتلارغا بېرىلىدىغان قەرز پۇل سوممىسى 12 مىڭ يۈەندىن 16 مىڭ يۈەنگە ئۆستۈرۈلىدۇ، مالىيەدىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتىكى مەزگىلىدىكى قەرز پۇل ئۆسۈمىگە تولۇق سوممىلىق ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ. ئىككىنچى، مالىيە ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلى بېجىرگۈچى بانكىغا مەلۇم نىسبەتتە خەۋپ-خەتەر تولۇقلىمىسى بېرىدۇ ھەمدە تولۇقلىما نىسبىتىنى مۇۋاپىق تۆۋەنلىتىدۇ. ئۈچىنچىدىن، ئوقۇغۇچىلارنى تىرىشچان-ئىقتىسادچىل بولۇپ، تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ئۆگەنگەننى ئىشلىتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇش، جەمئىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشكە يېتەكلەش كېرەك. مەكتەپمۇ ئوقۇغۇچىلارغا تېخىمۇ كۆپ ئوقۇپ تۇرۇپ ئىشلەش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

  يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى خەلق ئاممىسىنىڭ تەن ساغلاملىقىغا مۇناسىۋەتلىك. يىغىندا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى قانۇنى (تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى)» ماقۇللاندى. لايىھەدە يېمەكلىك، دورا بىخەتەرلىكىدىكى «تۆت ئەڭ قاتتىق» تەلەپ ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىنى باشقۇرۇش، كونترول قىلىش يەنىمۇ كۈچەيتىلدى؛ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلغۇچىلارنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتى، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ تەۋەلىك مەسئۇلىيىتى ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى؛ يېمەكلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى؛ نازارەتچىلىك تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش بويىچە قانۇن ئىجرا قىلىشنى كۈچەيتىپ، قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى جازالاش سالمىقىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. يىغىندا لايىھەنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇزاكىرە قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر :
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ