مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ مىكون دەرياسى ئىككىلەمچى رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنىڭ 7 - قېتىملىق رەھبەرلەر يىغىنىغا قاتناشقاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇقتا چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئىككىلەمچى رايونلارنىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، رايونلارنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش كېرەك

2021.09.13 10:40 مەنبە: خەلق تورى

  9 – ئاينىڭ 9 – كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا مېكون دەرياسى ئىككىلەمچى رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنىڭ 7 - قېتىملىق رەھبەرلەر يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى. كامبودژا باش ۋەزىرى خۇڭسېن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، لائوس ھۆكۈمىتىنىڭ زۇڭلىسى پانكان، بىرما دۆلەت باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ رەئىسى مىن ئاڭلەي، تايلاند زۇڭلىسى بايۈ، ۋىيېتنام زۇڭلىسى فەن مىڭجېڭ ۋە ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسىنىڭ باشلىقى چيەنچۇەن ياسى يىغىنغا قاتناشتى. يىغىن سىن شەكلىدە ئۆتكۈزۈلدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ لى فوتوسى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 9 – ئاينىڭ 9 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا مېكون دەرياسى ئىككىلەمچى رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنىڭ 7 - قېتىملىق رەھبەرلەر يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى. كامبودژا باش ۋەزىرى خۇڭسېن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، لائوس ھۆكۈمىتىنىڭ زۇڭلىسى پانكان، بىرما دۆلەت باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ رەئىسى مىن ئاڭلەي، تايلاند زۇڭلىسى بايۈ، ۋىيېتنام زۇڭلىسى فەن مىڭجېڭ ۋە ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسىنىڭ باشلىقى چيەنچۇەن ياسى يىغىنغا قاتناشتى. يىغىن سىن شەكلىدە ئۆتكۈزۈلدى.

  لى كېچياڭ سۆزىدە مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن مىكون دەرياسى بويىدىكى دۆلەتلەر قوشنا دۆلەتلەر بولۇپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك يېقىن ئۆتىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: ئەتراپتىكى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش كېرەك. مىكون دەرياسى ئىككىلەمچى رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق مېخانىزمى ئورنىتىلغاندىن بۇيان، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا نەپ يەتكۈزۈپ، رايونلارنىڭ مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشىنى ياردەمچى كۈچ بىلەن تەمىنلىدى.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھازىر يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يەنىلا يەر شارىدا كۆپىيىۋاتىدۇ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ مۇقىمسىزلىقى، ئېنىقسىزلىقى ئېشىۋاتىدۇ، ئىككىلەمچى رايوندىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئېشىشى يېڭى خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. بىز ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىق ساھەسىنى كېڭەيتىپ، ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىككىلەمچى رايونلارنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل ۋە سىغدۇرۇشچان تەرەققىياتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. لى كېچياڭ بۇ ھەقتە ئالتە تۈرلۈك تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى:

  بىرىنچى، سۇ بايلىقى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قىرغاقتىكى دۆلەتلەرگە بەخت يارىتىشىمىز كېرەك. ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ سۇ بايلىقىنى مۇۋاپىق ئېچىپ پايدىلىنىشتىكى ھەققانىي ھوقۇق - مەنپەئىتىگە تولۇق ھۆرمەت قىلىپ، ئىش بولسا كۆپچىلىك مەسلىھەتلىشىپ بېجىرىشىمىز كېرەك. جۇڭگو تەرەپ بۇلتۇردىن باشلاپ لەنساڭجياڭ - مىكون دەرياسى ھەمكارلىق رامكىسى ئىچىدە مىكون دەرياسىدىكى بەش دۆلەتنى لەنساڭجياڭ دەرياسىنىڭ پۈتۈن يىللىق سۇ رايى ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلىدى، لەنساڭجياڭ - مىكون دەرياسى سۇ بايلىقى ھەمكارلىق ئۇچۇرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش سۇپىسى تور بېكىتىنى ئالدى بىلەن ئاچتى، 2 – نۆۋەتلىك لەنساڭ - مىكون دەرياسى سۇ بايلىقى ھەمكارلىقى مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنى ۋە ھەمكارلىق مۇنبىرىنى ئورتاق ياخشى ئۆتكۈزۈپ، يۇقىرى - تۆۋەن ئېقىندىكىلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى، ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ۋادىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش ۋە سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى خالايدۇ.

  ئىككىنچى، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئىلىم - پەن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىلىم - پەن قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ۋاكسىنا ھەمكارلىقىنى ئورتاق قانات يايدۇرۇش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ داۋاملىق كۈچىنىڭ يېتىشىچە مىكون دەرياسى بويىدىكى دۆلەتلەرگە ۋاكسىنا قاتارلىق داۋالاش ماددىي ئەشيالىرى ياردىمى بېرىدۇ، تەسىس قىلىنغان ئاممىۋى سەھىيە مەخسۇس مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ، يۇقۇمنى كۆزىتىش، يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشنى خالايدۇ.

  ئۈچىنچى، سودىغا مەبلەغ سېلىشنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. «رايونلار ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى» (RCEP)نى تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنى تېزلىتىپ ۋە تېزدىن يولغا قويۇپ، جۇڭگو __ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئەركىن سودا رايونىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش «كېلىشىمى»نى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككىلەمچى دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇش كېرەك.

  تۆتىنچى، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ماس تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. «2030 - يىللىق قاتناش ئىستراتېگىيەسى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو - لائوس تۆمۈريولىدا پات ئارىدا قاتناش باشلىنىشنىڭ ئۈلگىلىك، تۈرتكىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو __ تايلاند تۆمۈريولى، فنوم پېن __ سىخانوك پورتى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى قاتارلىق چوڭ - چوڭ تۈرلەرنى تېز قۇرۇپ، رايون ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى ماسلاشتۇرۇش مەركىزى قۇرۇلۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  بەشىنچى، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى سىجىل ياخشىلاش كېرەك. كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ۋە مۇھىت ئاسراش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، مېكون دەرياسى ئىككىلەمچى رايونىنىڭ يادرولۇق مۇھىت 3 - قارارلىق تۈرىنى ياخشى يولغا قويۇش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى دائىملاشتۇرۇش ئارقا كۆرۈنۈشىدىكى ساياھەت ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىش كېرەك.

  ئالتىنچى، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، ئىككىلەمچى رايون دۆلەتلىرىنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداش كېرەك. ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىشتا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، بىر - بىرىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەرگە ئېتىبار بېرىش كېرەك. كۆپ تەرەپچىللىكتە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، تىنچلىقتا بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپىنى ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك. ئېچىۋېتىش، كەڭ قورساق بولۇش ئىدىيەسىنى باشتىن - ئاخىر تەشەببۇس قىلىپ، ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، تەرەققىيات بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، مىكون دەرياسى ئىككىلەمچى رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى بىلەن لەنساڭجياڭ دەرياسى __ مىكون دەرياسى قاتارلىق مېخانىزملارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  لى كېچياڭ جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق كۆرسەتتى: تەرەققىيات جۇڭگودىكى بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاساسى ۋە ئاچقۇچى، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش تەلىپى بويىچە، ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى كۈچەپ ياخشى قىلىمىز. ماكرولۇق تەڭشەش - تىزگىنلەشنىڭ ئالدىن كۆرەرلىكى، دەل جايىدىلىقى، ئۈنۈملۈكلۈكىنى كۈچەيتىپ، دەۋرىيلىك ھالقىپ تەڭشەشنى ياخشى ئىشلەپ، ئىقتىسادنىڭ مۇۋاپىق دائىرىدە يۈرۈشۈشنى ساقلايمىز. ئىسلاھاتنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتى بەرپا قىلىپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىجادكارلىقىنى تېخىمۇ ئۇرغۇتىمىز. يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىشكە تۈرتكە بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ مەبلەغ سېلىشىنى قارشى ئېلىپ، ئىچكى - تاشقى مەبلەغ كارخانىلىرىغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئادىل رىقابەتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېچىۋېتىش، سىغدۇرۇشچان ھەمكارلىقنى پائال ئالغا سىلجىتىمىز. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى مىكون دەرياسى بويىدىكى دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى دۆلەتلەرگە يېڭى تەرەققىيات پۇرسىتى ئېلىپ كېلىپ، يېڭى تەرەققىيات پايدىسى يارىتىدۇ.

  لى كېچياڭ ئاخىرىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو مىكون دەرياسى بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە رايون ئىقتىسادىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رايونلارنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداپ، ئىككىلەمچى رايونلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى ۋە ئورتاق گۈللىنىشى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

  يىغىنغا قاتناشقان ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە ئالاقىدار ئاپپاراتلارنىڭ مەسئۇللىرى زۇڭلى لى كېچياڭ ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپلەرنى ئالقىشلىدى، جۇڭگونىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى ۋە مۇنداق بىلدۈردى: يۇقۇمنىڭ زەربىسى ۋە خەلقئارا، رايون ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشى ئېلىپ كەلگەن يېڭى خىرىس ئالدىدا، مىكون دەرياسى ئىككىلەمچى رايونىدىكى دۆلەتلەر كۆپ تەرەپچىللىكتە چىڭ تۇرۇپ، خىرىسنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇپ، رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىيىنىڭ كۈچلۈك جانلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل، سىغدۇرۇشچان تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تىنچلىق، مۇقىملىقنى قوغداپ، ئورتاق گۈللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رايوندىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشى كېرەك.

  يىغىندا «مىكون دەرياسى ئىككىلەمچى رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنىڭ 7 - قېتىملىق رەھبەرلەر يىغىنى خىتابنامىسى» ئېلان قىلىندى، «مىكون دەرياسى ئىككىلەمچى رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنىڭ 2030 ئىستراتېگىيەلىك رامكىسى» ۋە «مىكون دەرياسى ئىككىلەمچى رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش ۋە ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پىلانى (2021 - يىلىدىن 2023 – يىلىغىچە)» قاتارلىق نەتىجە ھۆججەتلىرى ماقۇللاندى.

  ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار يۇقىرى پائالىيەتكە قاتناشتى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ