مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ 18 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى كۆرگەزمىسى ۋە جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى سودا ئىشلىرى ھەم مەبلەغ سېلىش باشلىقلار يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2021.09.13 09:34 مەنبە: خەلق تورى

  9 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 18 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى كۆرگەزمىسى ۋە جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى سودا ئىشلىرى ھەم مەبلەغ سېلىش باشلىقلار يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى سۆزلىشىش مۇناسىۋىتى ئورناتقان 30 يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى، ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا ئەڭ چوڭ سودا ھەمراھلىرىدىن بولۇشى ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئەڭ ھاياتىي كۈچكە ئىگە ھەمكارلىققا ئايلاندى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن بۇيان، ئىككى تەرەپ قول تۇتۇشۇپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇپ، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقلارنى ئورتاق يېڭىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۆزئارا ھەمدەم بولۇش، مەنپەئەتداش ۋە تەقدىرداش بولۇشتەك تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى روھىنى شەرھلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇلتۇر 11 - ئايدا، 17 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى كۆرگەزمىسى ۋە جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى سودا ئىشلىرى ھەم مەبلەغ سېلىش باشلىقلار يىغىنىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا، مەن تېخىمۇ قويۇق بولغان جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇش توغرىسىدا تۆت تۈرلۈك تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويدۇم، بۇ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ پائال ئىنكاس قايتۇرۇشىغا ئېرىشتى، ئالاقىدار ساھەلەردىكى ھەمكارلىق سىجىل ئالغا سىلجىتىلماقتا. كەلگۈسىگە يۈزلەنگىنىمىزدە، جۇڭگو تەرەپ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش، ئىقتىساد - سودا قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمىنىڭ بالدۇرراق كۈچكە ئىگە بولۇپ يولغا قويۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق قۇرۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدىكى ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋەتنى بەرپا قىلىپ، بۇ رايوننىڭ گۈللىنىپ تەرەققىي قىلغان ياخشى ۋەزىيىتىنى ئورتاق ياخشى قوغداشنى خالايدۇ.

  18 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى كۆرگەزمىسى ۋە جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى سودا ئىشلىرى ھەم مەبلەغ سېلىش باشلىقلار يىغىنى شۇ كۈنى گۇاڭشىنىڭ نەننىڭدا باشلاندى، باش تېمىسى «قۇرۇقلۇق - دېڭىز يېڭى يولى، يېڭى پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش، جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق قۇرۇش» بولۇپ، جۇڭگو سودا مىنىستىرلىقى ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا ئون دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئىقتىساد - سودىغا مەسئۇل تارماقلىرى ھەم شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ كاتىبات باشقارمىسى ئورتاق مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزدى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ