خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-سېنتەبىر، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 32-نۆۋەتلىك خەلقئارا ئاۋىياتسىيە ئىلمى يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئاۋىياتسىيە پەن-تېخنىكىسى — 20-ئەسىردىن بۇيانقى تەرەققىياتى ئەڭ تېز، ئىنسانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا ئەڭ زور تەسىر كۆرسەتكەن پەن-تېخنىكا ساھەسىنىڭ بىرى. بۈگۈنكى دۇنيا چوڭقۇر پەن-تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىدۇ، ئاۋىياتسىيە پەن-تېخنىكىسى مىسلىسىز تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئېرىشتى، يەر شارى ئاۋىياتسىيە پەن-تېخنىكىسى ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇش ئىنتايىن زۆرۈر، زور ئىستىقبالغا ئىگە. مەن بۇ نۆۋەتلىك يىغىننىڭ يەر شارى ئاۋىياتسىيە پەن-تېخنىكىسى ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە پائال رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
32-نۆۋەتلىك خەلقئارا ئاۋىياتسىيە ئىلمى يىغىنى شۇ كۈنى شاڭخەيدە ئېچىلدى، يىغىننى خەلقئارا ئاۋىياتسىيە ئىلمى كېڭىشى ئۇيۇشتۇرغان، جۇڭگو ئاۋىياتسىيە ئىلمىي جەمئىيىتى ئۈستىگە ئالغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ