شى جىنپىڭ 6 - نۆۋەتلىك شەرق ئىقتىساد مۇنبىرى ئومۇمىي يىغىنىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

2021.09.06 08:50 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9 - ئاينىڭ 3 - كۈنى تەكلىپ بىلەن سىنلىق شەكىلدە 6 - نۆۋەتلىك شەرق ئىقتىساد مۇنبىرى ئومۇمىي يىغىنىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۈگۈن جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 76 يىللىق خاتىرە كۈنى. خەلقئارا جەمئىيەت 2 - دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ غەلىبە نەتىجىسىنى قەتئىي قوغداپ، تارىخىي ھەقىقىي ئەھۋالنى قوغداپ، تارىخنى ئەينەك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كەلگۈسىنى يارىتىشى كېرەك. بۇ يىل 6 - ئايدا، مەن زۇڭتۇڭ پۇتىن بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا سىنلىق ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈپ، «جۇڭگو - رۇسىيە ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستانە ھەمكارلىق شەرتنامىسى»نىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىشنى ئورتاق جاكارلاپ، جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش ۋە ھەر تەرەپلىمە ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش قاتارلىق مۇھىم، زور مەسىلىلەردە يېڭى ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق، يېڭى دەۋردە جۇڭگو - رۇسىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى تولۇق، ئىستىقبالى پارلاق.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھازىر، دۇنيا ۋەزىيىتىدە چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى تۇراقسىز بولۇپ، دۇنيا ئىقتىسادى تەستە ئەسلىگە كېلىۋاتىدۇ. شەرقىي شىمالىي ئاسىيا رايونى ھەمكارلىقى ھەم كەسكىن خىرىسقا دۇچ كەلدى، ھەم مۇھىم پۇرسەتكە دۇچ كەلدى. ھەرقايسى تەرەپلەر مەۋقەنى رايونغا قويۇپ، دۇنياغا نەزەر سېلىپ، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى بىرلىكتە يېڭىپ، تەرەققىياتنى ئورتاق كۆزلىشى كېرەك.

  بىز يۇقۇم خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇش جەھەتتە ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، ۋاكسىنا تەتقىق قىلىپ ياساش، ئىشلەپچىقىرىش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى تېخىمۇ كۆپ ئاممىۋى مەھسۇلات بىلەن تەمىنلەپ، ۋاكسىنا ۋە ۋىرۇس مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈش مەسىلىسىنى سىياسىيلاشتۇرۇشقا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ئىنسانىيەت سەھىيە - ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىمىز كېرەك.

  بىز ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىش جەھەتتە سىجىل كۈچەپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى ياۋروپا - ئاسىيا ئىقتىساد ئىتتىپاقى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، رەقەملىك ئىقتىسادنى يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قوللاپ، يەر شارىۋى كىلىمات ئۆزگىرىشىگە ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

  بىز رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش جەھەتتە بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، سۆزلىشىش، ئالاقىلىشىش ئارقىلىق ئىختىلاپنى تۈگىتىپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، ئورتاق، ئۇنىۋېرسال، ھەمكارلىشىدىغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل خەۋپسىزلىك قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، قول تۇتۇشۇپ ئىناق، تىنچ - خاتىرجەم ئورتاق ماكاننى قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ يىل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق تۇغۇلغان كۈنى، جۇڭگو سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلىدى. جۇڭگو تەرەپ ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكتە چىڭ تۇرۇپ، لەۋزىدە تۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ ئىناق ئۆتۈپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش نىشانىغا قاراپ پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرىلەشنى خالايدۇ.

  6 - نۆۋەتلىك شەرق ئىقتىساد مۇنبىرى 9 - ئاينىڭ 2 - كۈنىدىن 4 - كۈنىگىچە رۇسىيەنىڭ ۋىلادىۋوستوكتا ئۆتكۈزۈلىدۇ، مۇنبەرنىڭ باش تېمىسى «دۇنيانىڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى ئارقا كۆرۈنۈشىدىكى يىراق شەرقنىڭ يېڭى پۇرسىتى».
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ