مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ شاڭجياڭلىق ھەربىي ئۇنۋانى بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

2021.09.07 11:42 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ شاڭجياڭلىق ھەربىي ئۇنۋانى بېرىش مۇراسىمى 6-سېنتەبىر بېيجىڭدىكى «1-ئاۋغۇست» بىناسىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ شاڭجياڭلىق ھەربىي ئۇنۋانى بېرىلگەن ئوفىتسېرلارغا بۇيرۇقنامە تارقىتىپ بەردى.

  ئۇنۋان بېرىش مۇراسىمى چۈشتىن كېيىن سائەت بەشتىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە باشلاندى. مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شۈ چىلياڭ مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئىمزالىغان شاڭجياڭلىق ھەربىي ئۇنۋانى بېرىش بۇيرۇقىنى ئوقۇدى. مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ يوۋشيا ئۇنۋان بېرىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  بۇ قېتىم شاڭجياڭلىق ھەربىي ئۇنۋانى بېرىلگەن ئوفىتسېرلار: غەربىي ئۇرۇش رايونىنىڭ قوماندانى ۋاڭ خەيجياڭ، ئوتتۇرا قىسىم ئۇرۇش رايونىنىڭ قوماندانى لىن شياڭياڭ، دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى دۇڭ جۈن، ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى چاڭ دىڭچيۇ، دۆلەت مۇداپىئە داشۆسىنىڭ مۇدىرى شۈ شۆچياڭ.

  شاڭجياڭلىق ھەربىي ئۇنۋانى بېرىلگەن بەش ئوفىتسېر رەتلىك، كۆتۈرەڭگۈ روھى بىلەن جەسۇر قىياپەتتە رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىغا كەلدى. شى جىنپىڭ ئۇلارغا بۇيرۇقنامە تارقىتىپ بەردى ھەم ئۇلارنى تەبرىكلىدى. شاڭجياڭلىق پاگونى تاقىغان بەش ئوفىتسېر شى جىنپىڭغا سالام بەردى، مۇراسىمغا قاتناشقان بارلىق يولداشلارغا سالام بەردى، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش ياڭرىدى.ئۇنۋان بېرىش مۇراسىمى جاراڭلىق ھەربىي مارش ساداسى ئىچىدە ئاخىرلاشتى. ئارقىدىن، شى جىنپىڭ قاتارلىق رەھبەرلەر شاڭجياڭلىق ھەربىي ئۇنۋانى بېرىلگەن ئوفىتسېرلار بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

  مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرىدىن ۋېي فېڭخې، لى زوچېڭ، مياۋ خۇا، جاڭ شېڭمىن ھەم ھەربىي كومىتېت ئورگىنىنىڭ ھەر قايسى تارماقلىرى، بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق مۇھىم ئورۇنلارنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى ئۇنۋان بېرىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ