مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات يىرىك مەلۇماتى خەلقئارا تەتقىقات مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇش يىغىنى ۋە 2021-يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات يىرىك مەلۇماتى خەلقئارا مۇنبىرىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2021.09.07 11:44 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6-سېنتەبىر ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات يىرىك مەلۇماتى خەلقئارا تەتقىقات مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇش يىغىنى ۋە 2021-يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات يىرىك مەلۇماتى خەلقئارا مۇنبىرىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات يىرىك مەلۇماتى خەلقئارا تەتقىقات مەركىزىنى تەسىس قىلىش مەن 75-نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىدا جاكارلىغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030-يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قوللاشتىكى مۇھىم تەدبىر. 2030-يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىدا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتى ۋە خەلقئارانىڭ تەرەققىيات ھەمكارلىقى ئۈچۈن ئېنىق نىشان ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ھازىر دۇنيا يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچراۋاتىدۇ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە بۈيۈك مەلۇماتتىن پايدىلىنىش خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قىيىنچىلىقنى يېڭىشىگە تۈرتكە بولۇشقا، 2030-يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى دۇنيا مىقياسىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە پايدىلىق.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات يىرىك مەلۇماتى خەلقئارا تەتقىقات مەركىزى سۇپىسى ۋە بۇ قېتىمقى مۇنبەردىن تولۇق پايدىلىنىپ، يىرىك مەلۇمات ئارقىلىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتقا تىرەك بولۇش پىلانى ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىپ، خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، 2030-يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات يىرىك مەلۇماتى خەلقئارا تەتقىقات مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇش يىغىنى ۋە 2021-يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات يىرىك مەلۇماتى خەلقئارا مۇنبىرىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى 6-سېنتەبىر بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ