مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدېن بىلەن تېلېفونلاشتى

2021.09.13 09:36 مەنبە: خەلق تورى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن تەكلىپ بويىچە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدېن بىلەن تېلېفونلىشىپ، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ۋە ئىككى تەرەپ كۆڭۈل بۆلىدىغان ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا سەمىمىي، چوڭقۇر، كەڭ دائىرىدە ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىلەشتى ۋە پىكىر ئالماشتۇردى.

  شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن دەھشەتلىك بوران «ئەيدا»نىڭ ئامېرىكىنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا كىشىلەرنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىشى ۋە مال - مۈلۈكنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى توغرىسىدا بايدېن ۋە ئامېرىكا خەلقىدىن ھال سورايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بايدېن بۇنىڭغا رەھمىتىنى بىلدۈردى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بىر مەزگىلدىن بۇيان، ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا قوللانغان سىياسىتى جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى ئېغىر قىيىنچىلىققا دۇچار قىلدى، بۇ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تۈپ مەنپەئىتى ۋە دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت ۋە ئەڭ چوڭ تەرەققىي تاپقان دۆلەت، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ بىر - بىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش - قىلالماسلىقى دۇنيانىڭ كەلگۈسى، تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك، بۇ، ئىككى دۆلەت جەزمەن ياخشى جاۋاب بېرىشكە تېگىشلىك ئەسىر سوئالى. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ھەمكارلاشسا، ئىككى دۆلەت ۋە دۇنيا بىردەك نەپكە ئېرىشىدۇ؛ جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا قارشىلاشسا، ئىككى دۆلەت ۋە دۇنيا بىردەك بەختسىزلىككە ئۇچرايدۇ. جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتى مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش - ياخشىلىماسلىق توغرىسىدىكى تاللاش سوئالى بولماستىن، بەلكى مۇناسىۋەتنى قانداق ياخشىلاش توغرىسىدىكى جەزمەن جاۋاب بېرىشكە تېگىشلىك سوئال.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگونىڭ قەدىمكى شېئىرىدا: «قاتمۇقات تاغلار، ئەگىم دەريا - ئېقىنلاردا يول تاپالماسلىقتىن ئەنسىرىمەڭ، پارلاق ئىستىقبال يەنە قۇچاق ئاچىدۇ» دەپ ئېيتىلغان. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا 1971 - يىلى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدە «مۇز يېرىلغان»دىن بۇيان قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرگە ئەمەلىي نەپ يەتكۈزدى. ھازىر، خەلقئارا جەمئىيەت نۇرغۇن ئورتاق قىيىن مەسىلىگە دۇچ كەلدى، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا چوڭ ئەندىزىنى نامايان قىلىپ، چوڭ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، ئالدىغا قاراش، ئالدىغا قاراپ مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك پاراسەت ۋە سىياسىي جاسارەتنى نامايان قىلىپ جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تېزدىن مۇقىم راۋاجلىنىدىغان توغرا يولغا قايتىپ كېلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە ۋە دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ جۇڭگو تەرەپنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق مەسىلىلەردىكى مەيدانىنى شەرھلەپ، مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان خەلقئارا مەسئۇلىيىتىنى ئىزچىل ئاكتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممىگە ئالىدۇ. بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلىرىگە ھۆرمەت قىلىش، ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق باشقۇرۇش، تىزگىنلەش ئاساسىدا، ئىككى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى داۋاملىق ئۇچرىشىپ، سۆزلىشىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، ئىقتىسادنىڭ قايتا جانلىنىشى ھەمدە مۇھىم، زور خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدىكى ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتسا، شۇنىڭ بىلەن بىللە، تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە تېخىمۇ كۆپ ئاكتىپ ئامىللارنى قوشسا بولىدۇ.

  بايدېن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۇنيا ھازىر تېز ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈرمەكتە، ئامېرىكا - جۇڭگو مۇناسىۋىتى دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت، ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ قانداق ھەمتۈرتكە بولۇشى، دوستانە ئۆتۈشى دۇنيانىڭ كەلگۈسىگە ناھايىتى زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئىككى دۆلەتنىڭ رىقابەتلىشىش سەۋەبلىك توقۇنۇشقا پېتىپ قېلىشىنىڭ ئاساسى يوق. ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئەزەلدىن بىر جۇڭگو سىياسىتىنى ئۆزگەرتىش ئويى يوق. ئامېرىكا تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن تېخىمۇ كۆپ سەمىمىي ئالماشتۇرۇش ۋە ئىجابىي سۆزلىشىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشقا بولىدىغان مۇھىم نۇقتا ۋە ئالدىن ئويلىشىدىغان ساھەلەرنى بېكىتىپ، خاتا چۈشىنىش، خاتا ھۆكۈم قىلىش ۋە كۈتۈلمىگەن توقۇنۇشتىن ساقلىنىپ، ئامېرىكا - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ توغرا يولغا قايتىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. ئامېرىكا تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەردىكى ئالاقە، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ.

  ئىككى تەرەپ بىردەك مۇنداق قارىدى: جۇڭگو - ئامېرىكا رەھبەرلىرىنىڭ جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ۋە مۇھىم، زور خەلقئارا مەسىلىلەر توغرىسىدا چوڭقۇر ئالاقە قىلىشى جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ توغرا تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىشتا ناھايىتى مۇھىم، داۋاملىق كۆپ خىل شەكىل ئارقىلىق دائىملىق ئالاقىنى ساقلاشقا قوشۇلىمىز، ئىككى تەرەپ خىزمەت قاتلاملىرىغا خىزمەتلەرنى تېزلىتىپ، كەڭ دائىرىدە سۆزلىشىپ، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا شارائىت ھازىرلاش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرىمىز.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ