مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان» ناملىق كىتاب نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

2021.09.10 08:46 مەنبە: خەلق تورى

  شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى دەرسلىككە كىرگۈزۈش، دەرسخانىغا كىرگۈزۈش، كاللىغا كىرگۈزۈشكە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، جۇڭگو قانۇنشۇناسلىق جەمئىيىتى تەشكىللەپ تۈزگەن ماركسىزملىق نەزەرىيە تەتقىقاتى ۋە قۇرۇلۇشى بويىچە نۇقتىلىق دەرسلىك «شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئومۇمىي بايان» دېيىلىدۇ) ناملىق كىتاب ئالىي مائارىپ نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى.

  پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە، تارىخ بىلەن رېئاللىقنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، خەلقئارا بىلەن دۆلەت ئىچىنى ئۆزئارا باغلاش، نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش جەھەتتىن يېڭى دەۋردە نېمە ئۈچۈن دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش يولغا قويۇلىدۇ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش قانداق يولغا قويۇلىدۇ قاتارلىق مۇھىم، زور مەسىلىلەرگە چوڭقۇر جاۋاب بېرىپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتىكى بىرقاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى تەپەككۇر، يېڭى ئىستراتېگىيەنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈردى.

  «ئومۇمىي بايان» «مۇقەددىمە + ئۈچ بۆلۈم»دىن تەركىب تاپقان، جەمئىي 20 باب، 270 مىڭ خەتكە يېقىن بولۇپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى، مۇھىم، زور ئەھمىيىتى، مول ئىچكى خاس مەزمۇنى، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى، ئىلمىي ئۇسۇلى، ئەمەلىيەت تەلىپىنى شەرھلەپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنى مول، بايانى چوڭقۇر، لوگىكىسى پۇختا، سىستېمىسى مۇكەممەل بولغان ئىلمىي بىر نەزەرىيە سىستېمىسى، ماركسىزملىق قانۇنچىللىق نەزەرىيەسىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ تۈپ مىزانى ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسى ئىكەنلىكىنى ئومۇميۈزلۈك ئەكس ئەتتۈرگەن. «ئومۇمىي بايان»دا ئەسلىي ئەسەر، ئەسلىي تېكىست، ئەسلىي مەنىگە سادىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇلغان، نەزەرىيەۋىلەشتۈرۈپ شەرھلەش، ئىلمىيلەشتۈرۈپ ئىپادىلەش، سىستېمىلاشتۇرۇپ بەرپا قىلىشتا چىڭ تۇرۇلغان بولۇپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ قانۇنشۇناسلىق تۈرى كەسپىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى سىستېمىلىق ئۆگىنىشى ۋە ئىگىلىشىدىكى نۇقتىلىق دەرسلىك ھېسابلىنىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ