مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمان بىلەن تېلېفونلاشتى

2021.09.08 11:56 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7-سېنتەبىر تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمان بىلەن تېلېفونلاشتى.

  شى جىنپىڭ تاجىكىستاننىڭ پات ئارىدا مۇستەقىللىقىنىڭ 30 يىللىقىنى كۈتۈۋالىدىغانلىقىنى تەبرىكلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نۆۋەتتە، جۇڭگو-تاجىكىستان مۇناسىۋىتى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدە تۇرماقتا. ئىككى تەرەپ بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلۈدىغان زور مەسىلىلەردە بىر-بىرىنى قەتئىي قوللاپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىستراتېگىيەلىك ئۆز ئارا ئىشىنىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشتا زىچ ھەمكارلىشىپ، بىر ياقىدىن باش چىقىرىدىغان قوشنىدارچىلىق دوستلۇقىنى نامايان قىلدى، جۇڭگو بىلەن تاجىكىستان بىر-بىرىگە تايانسا بولىدىغان جانجىگەر ھەمراھلار. كېلەر يىلى جۇڭگو بىلەن تاجىكىستان دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى كۈتۈۋالىدۇ. جۇڭگو تاجىكىستان بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، مول مەزمۇنغا ئىگە تەرەققىيات ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، يىمىرىلمەس خەۋپسىزلىك ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى قوغداپ، رايون تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىككى تەرەپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە تەڭ قۇرۇشنى داۋاملىق ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئىقتىساد-سودا، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش، رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. جۇڭگو ئۆز كارخانىلىرىنىڭ تاجىكىستانغا بېرىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشىگە ئىلھام بېرىدۇ، تاجىكىستاننىڭ يېشىل، ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى كېڭەيتىشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ چېگرا ئېغىزىنىڭ بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو-تاجىكىستان يۈك تىرانسپورت چوڭ يولىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك، راۋان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. جۇڭگو تاجىكىستاننىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىنى داۋاملىق قوللاپ، ئىككى دۆلەتنىڭ داۋالاش، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو تاجىكىستاننىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى بولغاندىن بۇيان قانات يايدۇرغان خىزمەتلىرىگە يۈكسەك باھا بېرىدۇ، تاجىكىستاننىڭ رەئىسلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش باشلىقلار يىغىنىنى ياخشى ئېچىشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايدۇ ھەم بۇنى پۇرسەت بىلىپ، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى، ئۆز ئارا ئىشىنىشىنى كۈچەيتىپ، خەۋپسىزلىك ۋە ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يېڭى باشلانمىدا تېخىمۇ زور تەرەققىياتقا ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.

  راخمان مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تاجىكىستان بىلەن جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلار، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى مۇناسىۋىتى سىجىل، مۇقىم راۋاجلاندى. تاجىكىستان ئۇلۇغ، دوستانە جۇڭگونىڭ ئۇزۇندىن بۇيان تاجىكىستاننى خالىس، سەمىمىي ياردەم بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىدۇ، بولۇپمۇ جۇڭگو ۋاقتىدا تەمىنلىگەن يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى ياردىمى تاجىكىستاننىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىغا كۈچلۈك مەدەت بەردى. تاجىكىستان جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىقتىساد-سودا، خەۋپسىزلىك، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئۈزۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تاجىكىستان-جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە يېڭى مەزمۇن قوشۇشنى خالايدۇ. جۇڭگونىڭ تاجىكىستاننىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رەئىسلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ، جۇڭگو بىلەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىياتى ھەققىدە داۋاملىق قويۇق ھەمكارلىقنى ساقلاشنى خالايدۇ.

  ئىككى تەرەپ يەنە ئافغانىستان ۋەزىيىتى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، رايون خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقىنى بىرلىكتە قوغداشقا قوشۇلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ