مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ خەلقئارا ئاشلىقنىڭ خورىشىنى ئازايتىش يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2021.09.13 09:37 مەنبە: خەلق تورى

  9 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خەلقئارا ئاشلىقنىڭ خورىشىنى ئازايتىش يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا مۇناسىۋەتلىك تۈپ مەسىلە، ئاشلىقنىڭ خورىشىنى ئازايتىش ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتىكى مۇھىم يول. ھازىر، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پۈتۈن يەر شارىدا يامراپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكى خىرىسقا دۇچ كەلدى، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر تېز ھەرىكەتكە كېلىپ، دۇنيادىكى ئاشلىقنىڭ خورىشىنى ھەقىقىي ئازايتىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەلقئارا ئاشلىقنىڭ خورىشىنى ئازايتىش يىغىنىنى ئېچىش جۇڭگو تەرەپ بۇلتۇر 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 15 - قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويغان تەشەببۇسى. ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىننى پۇرسەت بىلىپ، قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ، 2030 - يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نۆل ئاچارچىلىق، نۆل نامراتلىق نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشۇپ، دۇنيا ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى قوغداش، ئىنسانىيەت تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  خەلقئارا ئاشلىقنىڭ خورىشىنى ئازايتىش يىغىنى شۇ كۈنى شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ جىنەن شەھىرىدە باشلاندى، باش تېمىسى «ئاشلىقنىڭ زىيانغا ئۇچرىشى، ئىسراپ بولۇشىنى ئازايتىش، دۇنيا ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش» بولۇپ، يېزا ئىگىلىكى - يېزا مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، دۆلەت ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيا زاپاس ساقلاش ئىدارىسى، شەندۇڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە ئۆتكۈزدى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ