مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، «ئېگىزلىكتە چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىۋاتقان نەمۇنىچى يىڭ»دىكى بارلىق ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنى​

ۋەتەننى قوغداپ، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش ۋەزىپە-مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ياخشى ئادا قىلىپ، تىرىشىپ پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن يەنە يېڭى تۆھپە يارىتىشقا ئىلھاملاندۇردى

2021.09.15 09:20 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا «ئېگىزلىكتە چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىۋاتقان نەمۇنىچى يىڭ»دىكى بارلىق ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرگە جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، ئۇلارغا سەمىمىي سالام يوللىدى.

  شى جىنپىڭ جاۋاب خېتىدە مۇنداق بىلدۈردى: بەش يىلدىن بۇيان، سىلەر پارتىيە ۋە خەلق تاپشۇرغان بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ھاياتلىق چەكلەنگەن رايوننى چىڭ ساقلاپ، ياشلىق باھارىڭلار ۋە ئىسسىق قېنىڭلار بىلەن ۋەتەننىڭ مۇقەددەس زېمىنىنى قوغداپ، زىممەڭلەرگە ئالغان ۋەزىپىنى قالتىس ئورۇندىدىڭلار. كۆپچىلىك ھەممىڭلار يارايسىلەر!

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرى چېگرا مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش ۋە مۇستەھكەملەشنىڭ بىرىنچى سېپىدە كۈرەش قىلماقتا، ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى مۈشكۈل، مەسئۇلىيىتى مۇھىم، زور. يولداشلارنىڭ بۇرچنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئېسىل ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەربىي مەشىق ۋە ئۇرۇش تەييارلىقىنى كۈچەيتىپ، ۋەتەننى قوغداپ، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش ۋەزىپە-مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ياخشى ئادا قىلىپ، تىرىشىپ پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن يەنە يېڭى تۆھپە يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  «ئېگىزلىكتە چېگرانى مۇھاپىزەت قىلغان نەمۇنىچى يىڭ» ئېسىل ئەنئەنىگە ئىگە قەھرىمان قىسىم. بۇ يىڭ تۇرۇشلۇق جاينىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 4800 مېتىردىن ئاشىدۇ، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 40 سېلسىيە گىرادۇس بولۇپ، ھەر يىلى 200 كۈندىن ئارتۇق ۋاقىتتا سەككىز بالدىن يۇقىرى بوران چىقىدۇ. ئۇزاقتىن بۇيان، قىسىمدىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر قارلىق ئېگىزلىكتە يىلتىز تارتىپ، ۋەزىپە-مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن تولۇق ئادا قىلىپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ توققۇز قېتىم پۈتۈن مەملىكەت بويىچە، پۈتۈن ئارمىيە بويىچە تەقدىرلەندى، بەش قېتىم شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى، بەش نەپەر 1-دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەن تۆھپىكار، 44 نەپەر 2-دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەن تۆھپىكار قاتارلىق زور بىر تۈركۈم ئىلغار كوللېكتىپ ۋە شەخسلەر مەيدانغا كەلدى. 2016-يىلى 8-ئايدا، شى جىنپىڭ مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ بۇيرۇقىغا ئىمزا قويۇپ، بۇ يىڭغا «ئېگىزلىكتە چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىۋاتقان نەمۇنىچى يىڭ» دېگەن شەرەپلىك نامنى بەردى. يېقىندا پۈتۈن يىڭدىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر شى جۇشىغا خەت يېزىپ، بەش يىلدىن بۇيانقى خىزمەت ئەھۋالىنى دوكلات قىلىپ، شى جۇشىنىڭ ئۈمىدى، مۇھىم تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، سادىقلىق بىلەن ۋەتەننى قوغداپ، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىشتەك قەتئىي ئېتىقادى ۋە ئىرادىسىنى بىلدۈردى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ