مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل بىلەن تېلېفونلاشتى

2021.09.14 10:22 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى


شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇلتۇردىن بۇيان، بىز قويۇق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئالماشتۇرۇشنى ساقلاپ، جۇڭگو - گېرمانىيە، جۇڭگو - ياۋروپا مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا مۇھىم يېتەكچىلىك رولىمىزنى جارى قىلدۇردۇق، شۇنداقلا جۇڭگو - گېرمانىيە ئىككى دۆلەتنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە ئۆزئارا ئىشىنىدىغانلىقىنى نامايان قىلدۇق. زۇڭلى خانىم گېرمانىيە ۋە ياۋروپانىڭ جۇڭگوغا قاراتقان ئەمەلىي ھەمكارلىقىغا ۋە دوستانە ئالاقىسىگە تۈرتكە بولۇشقا پائال كۈچ چىقاردى، مەن بۇنى يۈكسەك تەرىپلەيمەن.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو - گېرمانىيە مۇناسىۋىتى ئومۇمىي جەھەتتىن ئوڭۇشلۇق تەرەققىياتنى ساقلاپ كەلدى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى يۇقۇم ۋەزىيىتىدە كۈچلۈك ئېلاستىكىلىقنى نامايان قىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە ھەقىقىي ئېرىشىش تۇيغۇسى ئېلىپ كەلدى. جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە جۇڭگو - ياۋروپا مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى سۆھبىتىنىڭ قەرەلىدە تاماملىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، كۆپ تەرەپچىللىكنى ئورتاق تەشەببۇس قىلىپ، ئەركىن سودىنى قوغداپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە پائال تاقابىل تۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداشقا پائال تۆھپە قوشتى. جۇڭگو - گېرمانىيە مۇناسىۋىتىدە غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىدىكى تۈپ سەۋەب شۇكى، ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ، پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق بىر - بىرىنى تولۇقلاشقا تۈرتكە بولدى. ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەش، چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، دىققەتنى ھەمكارلىققا مەركەزلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرسىلا، جۇڭگو - گېرمانىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى تەرەققىياتقا ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولالايدۇ. گېرمانىيە تەرەپنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگوغا قاراتقان توغرا سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، پەرقلەرگە ئوبيېكتىپ مۇئامىلە قىلىپ، ئىختىلاپلارنى ئاقىلانە بىر تەرەپ قىلىپ، جۇڭگو - ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مېركېل مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، گېرمانىيە - جۇڭگو، ياۋروپا - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدا يەكۈنلەشكە ئەرزىيدىغان نۇرغۇن تەرەپ بار، مەن جۇڭگو تەرەپ بىلەن قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، ئورتاق تىرىشىپ، گېرمانىيە - جۇڭگو، ياۋروپا - جۇڭگو ئىككى تەرەپلىك سۆزلىشىش ئارقىلىق پەرقلەرنى تولدۇرۇشقا كۈچ چىقىرىپ، ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايمەن. ياۋروپا - جۇڭگو مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى ياۋروپا - جۇڭگو ئىككى تەرەپكە نىسبەتەن ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان، ئورتاق پايدا ئالىدىغان كېلىشىم بولۇپ، ئۇنىڭ تېزدىن ئوڭۇشلۇق تەستىقلىنىپ كۈچكە ئىگە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. گېرمانىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ۋاكسىنا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

مېركېل نۆۋەتتىكى ئافغانىستان ۋەزىيىتىگە بولغان قارىشىدىن خەۋەرلەندۈرۈپ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك رامكا ئاساسىدا ئالاقىلىشىش، ماسلىشىشنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىمەن. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىكنىڭ ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشقا قارشى تۇرىدۇ، گېرمانىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە ئافغانىستاننىڭ تىنچلىقنى، مۇقىملىقنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇشى ئۈچۈن ئىجابىي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى خالايدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ