مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ خۇاڭ دانيەنچە ئوقۇتقۇچىلار كوللېكتىپى ۋەكىللىرىنى مۇنداق ئىلھاملاندۇردى

​ھەقىقىي تۈردە بىلىم ئىگىلەش، ئىش قىلىش، ئادەم بولۇشنى بىرلەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى ياخشى يول باشلىغۇچىلاردىن بولۇڭلار

پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى ۋە ئۇلارغا سەمىمىي بەخت تىلىدى

2021.09.14 10:19 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

جاۋاب خەت

پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ خۇاڭ دانيەنچە ئوقۇتقۇچىلار كوللېكتىپى ۋەكىللىرى:

ياخشىمۇسىلەر! خېتىڭلارنى تاپشۇرۇۋالدىم. سىلەرنىڭ يولداش خۇاڭ دانيەننى ئۈلگە قىلىپ، مەۋقەنى ئۆز ئىش ئورنۇڭلارغا قويۇپ، كوللېكتىپنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش، پەن تەتقىقاتتا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگىنىڭلاردىن مەن ناھايىتى خۇش بولدۇم.

ياخشى ئوقۇتقۇچى بىلىم ئىگىلەشتە باشقىلارغا ئۇستاز بولۇشى، ھەرىكىتىدە ئۈلگە بولۇشى كېرەك. سىلەرنىڭ يولداش خۇاڭ دانيەن قاتارلىق مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئالىيجاناب روھىنى داۋاملىق ئۆگىنىپ، ئەۋج ئالدۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ كەڭ ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن بىرلىكتە ئەخلاق ئارقىلىق ئۆزۈڭلارنى تەربىيەلەپ، قېتىرقىنىپ ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، ھەقىقىي تۈردە بىلىم ئىگىلەش، ئىش قىلىش، ئادەم بولۇشنى بىرلەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى ياخشى يول باشلىغۇچىلاردىن بولۇشۇڭلارنى، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردىن ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز يېڭى تۆھپىلەرنى قوشۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، مەن سىلەرنىڭ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلەيمەن ۋە سەمىمىي بەخت تىلەيمەن!

شى جىنپىڭ

2021 - يىلى 9 - ئاينىڭ 8 - كۈنى

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسى 37 - قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 9 - ئاينىڭ 8 - كۈنى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ خۇاڭ دانيەنچە ئوقۇتقۇچىلار كوللېكتىپى ۋەكىللىرىگە جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، ئۇلاردىن سەمىمىي ئۈمىدلەرنى كۈتتى ھەم پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى ۋە ئۇلارغا سەمىمىي بەخت تىلىدى.

شى جىنپىڭ جاۋاب خېتىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سىلەرنىڭ يولداش خۇاڭ دانيەننى ئۈلگە قىلىپ، مەۋقەنى ئۆز ئىش ئورنۇڭلارغا قويۇپ، كوللېكتىپنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش، پەن تەتقىقاتتا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگىنىڭلاردىن مەن ناھايىتى خۇش بولدۇم.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ياخشى ئوقۇتقۇچى بىلىم ئىگىلەشتە باشقىلارغا ئۇستاز بولۇشى، ھەرىكىتىدە ئۈلگە بولۇشى كېرەك. سىلەرنىڭ يولداش خۇاڭ دانيەن قاتارلىق مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئالىيجاناب روھىنى داۋاملىق ئۆگىنىپ ئەۋج ئالدۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ كەڭ ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن بىرلىكتە ئەخلاق ئارقىلىق ئۆزۈڭلارنى تەربىيەلەپ، قېتىرقىنىپ ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، ھەقىقىي تۈردە بىلىم ئىگىلەش، ئىش قىلىش، ئادەم بولۇشنى بىرلەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى ياخشى يول باشلىغۇچىلاردىن بولۇشۇڭلارنى، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردىن ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز يېڭى تۆھپىلەرنى قوشۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

2017 - يىلى، باش شۇجى شى جىنپىڭ جىلىن داشۆسى يەر شارىنى تەكشۈرۈش - ئۆلچەش ئىلمى ۋە تېخنىكىسى شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى خۇاڭ دانيەننىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەرگەن. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، مائارىپ مىنىستىرلىقى2017 - يىلى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئالىي مەكتەپلەردە خۇاڭ دانيەنچە ئوقۇتقۇچىلار كوللېكتىپى بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى باشلىغان، تۇنجى تۈركۈمدە بېكىتىلگەن 201 ئوقۇتقۇچىلار كوللېكتىپى پۈتۈن مەملىكەتتىكى 200 ئالىي مەكتەپتىن كەلگەن بولۇپ، ھەرقايسى پەن تۈرلىرى ۋە شەرقىي، ئوتتۇرا، غەربىي رايونلاردىكى ھەرقايسى ئۆلكىلەرنى قاپلىغان. يېقىندا، تۇنجى تۈركۈمدىكى ئوقۇتقۇچىلار كوللېكتىپىنىڭ ۋەكىللىرى باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقات قاتارلىق خىزمەت ئەھۋاللىرىنى دوكلات قىلىپ، مائارىپ ئارقىلىق ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش غايىسىدە چىڭ تۇرۇش، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن كۈچ قوشۇش ئىرادىسىنى بىلدۈردى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ