مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

چاۋشيەننىڭ دۆلەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 73 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن

​شى جىنپىڭ چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى جىن جېڭئېنغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2021.09.14 10:21 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

9 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ چاۋشيەننىڭ دۆلەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 73 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى جىن جېڭئېنغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.

شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: چاۋشيەن دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 73 يىلدىن بۇيان، چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى چاۋشيەن خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، بوشاشماي تىرىشىپ، سوتسىيالىزم ئىشلىرىدا غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولدى. يولداش ۋە دوست بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز بۇنىڭدىن چىن كۆڭلىمىزدىن خۇشال بولدۇق. ھازىر، چاۋشيەن خەلقى چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى 8 - قۇرۇلتىيىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتماقتا. ئىشىنىمىزكى، يولداش باش شۇجى باشچىلىقىدىكى چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، چاۋشيەن خەلقى ئىتتىپاقلىشىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، چوقۇم دۆلىتىنى تېخىمۇ ياخشى قىلىپ قۇرۇپ چىقالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو - چاۋشيەن ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنىڭ تارىخى ئۇزاق، مۇستەھكەم بولۇپ، بۇ، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق بولغان قىممەتلىك بايلىقىدۇر. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەن يولداش باش شۇجى بىلەن قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، جۇڭگو - چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشقا يېتەكلەپ، خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەرنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭگو - چاۋشيەننىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىغا يېڭى ئىچكى خاس مەزمۇن قوشتۇق. مەن جۇڭگو - چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، يولداش باش شۇجى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىپ، ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايمەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ