مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پورتۇگالىيەنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى سامپايونىڭ ۋاپات بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن​

شى جىنپىڭ پورتۇگالىيە زۇڭتۇڭى دې سۇساغا تەزىيە تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2021.09.15 09:19 مەنبە: خەلق تورى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9 - ئاينىڭ 12 - كۈنى پورتۇگالىيەنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى سامپايونىڭ ۋاپات بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن پورتۇگالىيە زۇڭتۇڭى دې سۇساغا تەزىيە تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ تەزىيە تېلېگراممىسىدا مۇنداق كۆرسەتتى: سامپايو ئەپەندى پورتۇگالىيەنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن سىياسىيونى ۋە رەھبىرى، خەلقئارا جەمئىيەتتە ناھايىتى يۇقىرى ئىناۋەتكە ئىگە. ئۇ زۇڭتۇڭ بولغان مەزگىلدە، ئاۋمېن جۇڭگونىڭ قوينىغا ئوڭۇشلۇق قايتۇرۇپ كېلىندى، جۇڭگو - پورتۇگالىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتى. ئۇ زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىدىن قالغاندىن كېيىن، يەنىلا جۇڭگو - پورتۇگالىيە مۇناسىۋىتىگە ئۇزاققىچە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىقىنى قوللاپ كەلدى. مەن جۇڭگو - پورتۇگالىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشنى خالايمەن.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ