مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ۋاڭ ياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسلەر يىغىنى ئېچىلدى

2021.09.14 11:50 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 59 - قېتىملىق رەئىسلەر يىغىنى 13- سېنتەبىر بېيجىڭدا ئېچىلدى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش تەكلىپ كومىتېتى، ئىقتىساد كومىتېتى، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا كومىتېتىنىڭ 2021- يىللىق مەخسۇس تېمىدىكى دېموكراتىك نازارەتچىلىك خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ دېموكراتىك نازارەتچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم مۇھىم سۆز قىلىپ، بىر قاتار مۇھىم يوليورۇقلارنى بېرىپ، يېڭى دەۋردىكى سىياسىي كېڭەشنىڭ دېموكراتىك نازارەتچىلىك خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، بۇ يىل مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش « 14- بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى چۆرىدەپ دېموكراتىك نازارەت قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش پىلانىنى تۈزدى، مەخسۇس كومىتېتلار يىل بېشىدا بېكىتىلگەن دېموكراتىك نازارەت قىلىش نۇقتىلىق تېمىسى بويىچە ئەستايىدىل تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، تىرىشىپ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، دەسلەپكى قەدەمدە ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردى.

  ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «14- بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى ئىزچىللاشتۇرۇش، يولغا قويۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇتۇپ، دېموكراتىك نازارەتچىلىكنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشنى كونكرېت مەسىلىلەردىن باشلاپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، مەسىلىنىڭ تۈگۈنىنى توغرا تېپىپ، چوڭقۇر كېڭىشىپ، تېخىمۇ توغرا، سالمىقى بار نازارەت قىلىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك. سىياسىي كېڭەشنىڭ دېموكراتىك نازارەت قىلىش ئالاھىدىلىكىنى توغرا ئىگىلەپ، «نازارەتچىلىكنى كېڭىشىشكە سىڭدۈرۈش» ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، تەجرىبىلەرنى ئۈزۈكسىز يەكۈنلەپ، ئۆزئارا ئالماشتۇرۇپ ۋە ئۆرنەك ئېلىپ، سىياسىي كېڭەش دېموكراتىك نازارەتچىلىكىنىڭ ئۈنۈمىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈش كېرەك.

  رەئىسلەر يىغىنى 2021- يىللىق 3- قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش ئۆتكۈزدى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، چىڭخۇا داشۆسى گۇمانىتار پەنلەر تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى چېن لەي تەكلىپكە بىنائەن «جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش، ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە ئىجادىي ئۆزگەرتىش» توغرىسىدا دوكلات بەردى.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن جاڭ چىڭلى، ليۇ چىباۋ، ۋەن گاڭ، ۋاڭ جېڭۋېي، ما بياۋ، چېن شياۋگۇاڭ، لى بىن، باتېر، ۋاڭ يۇڭچىڭ، سۇ خۇي، جېڭ جيەنباڭ، گۇ شېڭزۇ، خې ۋېي، شاۋ خۇڭ، گاۋ يۈنلۇڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ