مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يېڭى زېلاندىيە: مەن قارشى تۇرىمەن!

2021.04.20 11:43 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 19- چېسلا يېڭى زېلاندىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ماخۇتا مۇنۇلارنى بىلدۈردى:"بەش كۆز ئىتتىپاقى"نىڭ ھوقۇق دائىرىسىنى كېڭەيتىشى يېڭى زېلاندىيەنى خاتىرجەمسىزلەندۈردى."

  خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: ماخۇتا يېڭى زېلاندىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كومىتېتىنىڭ بىر قېتىملىق نۇتقىدىن كېيىنكى تاراتقۇلار ئوبزور ھالقىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېڭى زېلاندىيە "بەش كۆز ئىتتىپاقى"دىن پايدىلىنىپ "بەش كۆز ئىتتىپاقى"نىڭ ھوقۇق دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتكەن بىر قاتار مەسىلىلەرگە كوللېكتىپ ئاۋاز چىقىرىشقا قارشى تۇرىدۇ.

  خەۋەرلەرگە قارىغاندا، جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بۇ تەشكىلاتتىكى بەش دۆلەتنى كۆپ قېتىم تەنقىد قىلغان. 2020- يىلى 11- ئايدا، ئامېرىكا بىلەن كانادانى ئۆز ئىچىگە ئالغان "بەش كۆز ئىتتىپاقى" دۆلەتلىرىگە قارىتا، شياڭگاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا ئاتالمىش قوشما بايانات ئېلان قىلدى. جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىغا ئوچۇقتىن-ئوچۇق خىلاپلىق قىلغانلىقىغا، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا تەۋە شياڭگاڭ ئىشلىرى توغرىسىدا كەلسە-كەلمەس گەپ قىلغانلىقىغا ۋە قول شىلتىغانلىقىغا كۈچلۈك نارازىلىقىنى ۋە قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ