مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى جەنشۇ خۇاڭخې دەرياسىنى قوغداش توغرىسىدا قانۇن چىقىرىش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقاندا، مۇنۇلارنى تەكىتلىدى

قانۇن چىقىرىش ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملەپ، قانۇن چىقىرىش مۇساپىسىنى تېزلىتىپ، خۇاڭخې دەرياسىنى قوغدايدىغان ياخشى قانۇن، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ياخشى قانۇن، خەلققە بەخت يارىتىدىغان ياخشى قانۇن تۈزۈش لازىم

2021.04.15 19:47 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ 4-ئاينىڭ 13-كۈنى شەنشى شىئەندە خۇاڭخې دەرياسىنى قوغداش توغرىسىدا قانۇن چىقىرىش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقاندا مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، قانۇن چىقىرىش ئورتاق تونۇشىنى يەنىمۇ مۇجەسسەملەپ، قانۇن چىقىرىش مۇساپىسىنى تېزلىتىپ، خۇاڭخې دەرياسىنى قوغدايدىغان ياخشى قانۇن، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ياخشى قانۇن، خەلققە بەخت يارىتىدىغان ياخشى قانۇن تۈزۈش كېرەك.

  لى جەنشۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش − يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ۋە مەڭگۈلۈك تەرەققىياتىنى كۆزلەپ بېكىتكەن دۆلەت ئىستراتېگىيەسىدۇر. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ خۇاڭخې دەرياسىنى كۆپ قېتىم نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ، مۇھىم يوليورۇق، تەلەپلەرنى بېرىپ، خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى يېتەكچى ۋە مىزان بىلەن تەمىنلىدى. خۇاڭخې دەرياسىنى قوغداش توغرىسىدا قانۇن چىقىرىشتا شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يوليورۇقى، تەلىپى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قانۇن ماددىلىرىدا تولۇق گەۋدىلەندۈرۈپ، ئۈنۈملۈك ئىكەنلىكى ئەمەلىيەتتە ئىسپاتلانغان خۇاڭخې دەرياسىنى قوغداش، تۈزەش سىياسىتى، مېخانىزمى، تۈزۈمىنى قانۇن چىقىرىپ مۇئەييەنلەشتۈرۈش كېرەك. ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىي قىلىش، سۇنى ئۆلچەپ ئىش كۆرۈش، سۇ تېجەشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، تۈرگە ئايرىپ تەدبىر قوللىنىپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ، ماس ئالغا سىلجىتىپ، چوڭ قوغداشنى ئورتاق ياخشى تۇتۇپ، چوڭ تۈزەشنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  لى جەنشۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خۇاڭخې دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداش، تۈزەش ۋە ئۇنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى بىر دىيالېكتىك بىرلىكتۇر. خۇاڭخې دەرياسىنى قوغداشقا دائىر قانۇن چىقىرىشتا «سۇ»دىن ئىبارەت بۇ «سىزىق»نى ۋە «ۋادا»دىن ئىبارەت بۇ «يۈز»نى چۆرىدەپ، تەبىئىي ئېكولوگىيەنى مەڭگۈلۈك تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، تەبىئىي بايلىقتىن مەڭگۈلۈك پايدىلىنىش ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ مەڭگۈلۈك ئامانلىقىنى قانۇن جەھەتتىن قوللاش كېرەك. بۇنىڭدا، بىرىنچىدىن، ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. ھەددىدىن زىيادە ئارىلىشىش ۋە ھەددىدىن زىيادە پايدىلىنىشتىن تەبىئىي ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ۋە ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىشقا ئۆتۈپ، خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسى ئاجىز بولۇشتەك ھازىرقى ھالىتىنى ئۆزگەرتىپ، يۇقىرى، ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىنغا ئوخشاش بولمىغان قوغداش ۋە تۈزەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش كېرەك. ئىككىنچىدىن، ۋادىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداش يىرىك پىلانىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت بوشلۇقىنى باشقۇرۇش-تىزگىنلەشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسى ئاساسىي فۇنكسىيەلىك رايونى يىرىك پىلانىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيە قىزىل سىزىقىنى بېكىتىش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، ۋادا بويىچە سۇ بايلىقىدىن تېجەشلىك ۋە تۈجۈپىلىك پايدىلىنىشنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. «شەھەرنى سۇغا قاراپ بېكىتىش، يەرنى سۇغا قاراپ بېكىتىش، ئادەمنى سۇغا قاراپ بېكىتىش، مەھسۇلاتنى سۇغا قاراپ بېكىتىش»نى باشلامچى قىلىپ، سۇ بايلىقىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنىڭ ئەڭ قاتتىق بولغان تۈزۈمىنى ئورنىتىش كېرەك. تۆتىنچىدىن، بۇلغىنىشنى سىستېمىلىق تۈزەشنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. مۇھىتنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنىڭ ئەڭ قاتتىق بولغان تۈزۈمى، سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنىڭ ئەڭ قاتتىق بولغان تۈزۈمىنى ئورنىتىش كېرەك. بەشىنچىدىن، سۇ ۋە قۇمنى تەڭشەش-تىزگىنلەشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. سۇ ۋە قۇمنى تەڭشەش-تىزگىنلەش سىستېمىسى ۋە مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەلكۈندىن ئۇنىۋېرسال مۇداپىيەلىنىش-ئاپەتنى ئازايتىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئالتىنچىدىن، ۋادىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت خەۋپ-خەتىرىنى باشقۇرۇش-تىزگىنلەشنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. تاسادىپىي مۇھىت ۋەقەلىرىنى نازارەت قىلىش ۋە سىگنال بېرىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

  لى جەنشۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: خۇاڭخې دەرياسىنى قوغداش قانۇنى چىقىرىشتا ئىككى نۇقتىنى باشتىن-ئاخىر تەكىتلەش ۋە مەركەزلىك گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك: بىرسى خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە تۈزەش، يەنە بىرسى خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىن ئىبارەت. خۇاڭخې دەرياسىنى قوغداش قانۇنى چىقىرىشنىڭ ئاساسىي رېتىمى قوغداش ۋە تۈزەش. قوغداش ۋە تۈزەش ئالدىنقى شەرت، ئاساس، خۇاڭخې دەرياسىنى ياخشى قوغداپ، خۇاڭخې دەرياسىنى ياخشى تۈزىگەندىلا، ئاندىن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئەڭ ئاساسىي كاپالەتكە ئىگە قىلغىلى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن سۆز ئاچقىلى بولىدۇ. خۇاڭخې مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى قوغداش خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، قانۇندا خۇاڭخې مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى قوغداشنى كۈچەيتىش كېرەك.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شېن يۆيۆ يىغىنغا قاتناشتى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مۇھىت ۋە بايلىق كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىدىكى توققۇز ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مەسئۇللىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قىسمەن ۋەكىللىرى يىغىنغا قاتناشتى.

  لى جەنشۇ يەنە خۇاڭخې دەرياسىنى قوغداش قانۇنىنى چىقىرىش توغرىسىدا شەنشىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى يولداشلارنىڭ ئالاقىدار پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ