مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بازار سۇبيېكتلىرىنى تىزىملاپ باشقۇرۇش نىزامى (لايىھە)» ماقۇللىنىپ، بازار سۇبيېكتلىرىنى يېتىشتۈرۈش، زورايتىش ۋە ئادىل رىقابەتنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنچىللىق كاپالىتىگە ئىگە قىلىندى

2021.04.15 19:49 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 4-ئاينىڭ 14-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بازار سۇبيېكتلىرىنى تىزىملاپ باشقۇرۇش نىزامى (لايىھە)» ماقۇللىنىپ، بازار سۇبيېكتلىرىنى يېتىشتۈرۈش، زورايتىش ۋە ئادىل رىقابەتنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنچىللىق كاپالىتىگە ئىگە قىلىندى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: بازار سۇبيېكتلىرىنى يېتىشتۈرۈش، زورايتىش سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان سودا تۈزۈمى قاتارلىق ئىسلاھاتلارنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق، بازار سۇبيېكتىنىڭ سانى «13-بەش يىل» مەزگىلىدە 60 مىليون ئائىلىدىن ئارتۇق كۆپىيىپ، ئىقتىسادنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە ئېلاستىكىلىقى ئېشىپ، زور مىقداردا ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈردى. «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۈنۈملۈك ئۇسۇللارنى تۈزۈم ئۆلچىمى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈش، بولۇپمۇ بازار سۇبيېكتلىرىنى تىزىملاپ باشقۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئۇل خاراكتېرلىك تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. يىغىندا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بازار سۇبيېكتلىرىنى تىزىملاپ باشقۇرۇش نىزامى (لايىھە)» ماقۇللىنىپ، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش، ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، بازار تەرتىپىنى قوغداش قانۇنچىللىق كاپالىتىگە ئىگە قىلىندى. لايىھەدە چىقىرىلىپ بولغان بازار سۇبيېكتىنى تىزىملاپ باشقۇرۇش توغرىسىدىكى مەمۇرىي نىزام بىرلەشتۈرۈلۈپ، دۆلىتىمىز چېگراسى ئىچىدە پايدا ئېلىشنى مەقسەت قىلغان تىجارەت پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تۈرلۈك كارخانىلار، يەككە سودا-سانائەتچىلەر، دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپى قاتارلىقلارنى تىزىملاپ باشقۇرۇش توغرىسىدا بىرتۇتاش بەلگىلىمە چىقىرىلدى. ئاساسلىقى مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: (1) تىزىملاش قولايلىق دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. نەق مەيداندا بېجىرىش، بىر قېتىمدا بېجىرىش، سۈرۈك ئىچىدە بېجىرىش، توردا بېجىرىش، باشقا جايدا بېجىرىشنى يولغا قويۇش كېرەك. تىزىملىغۇچى ئورگان ئىلتىماس ماتېرىيالى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەلەپكە ئۇيغۇن بولسا، نەق مەيداندا تىزىملىشى كېرەك؛ نەق مەيداندا تىزىملىغىلى بولمىسا، ئادەتتە ئۈچ خىزمەت كۈنى ئىچىدە تىزىملىشى كېرەك. ئېلېكتىرون بىلەن قەغەز تىجارەت كىنىشكىسى ئوخشاش قانۇنىي كۈچكە ئىگە. (2) ئىلتىماس ماتېرىيالى ۋە تىزىملاش ھالقىسىنى ئىخچاملاش كېرەك. تىزىملاش ئورگىنى ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش سۇپىسى ئارقىلىق ئېرىشەلەيدىغان ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ئىلتىماس قىلغۇچىدىن تەكرار بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولمايدۇ. ئىلتىماس ماتېرىيالى تولۇق بولمىسا ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن شەكىلگە ئۇيغۇن كەلمىسە، تىزىملىغۇچى ئورگان ئىلتىماس قىلغۇچىغا تولۇقلاشقا تېگىشلىك ماتېرىياللارنى بىر قېتىمدىلا ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك. (3) «رويخەتتىن ئۆچۈرۈش قىيىن بولۇش» مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، بازار سۇبيېكتىدا يۈزبەرمىگەن ياكى تۆلەپ بولغان ھەقدارلىق-قەرزدارلىق، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى، تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك باج قاتارلىقلار ئېنىق بەلگىلىنىپ، ئالاقىدار قانۇن جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشقا يازما ۋەدە بېرىلگەن ھەمدە بەلگىلىمە بويىچە ئېلان قىلىنغان بولسا، ئاددىي تەرتىپ بويىچە رويخەتتىن ئۆچۈرۈلسە بولىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە يەككە سودا-سانائەتچىلەرنى ئاشكارىلاش ھاجەتسىز. (4) بازار سۇبيېكتىنىڭ تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن، تىجارەت توختىتىش تۈزۈمى ئورنىتىش كېرەك. تەبىئىي ئاپەت، ھادىسە ئاپىتى، ئاممىۋى ساقلىقنى ساقلاش ۋەقەسى قاتارلىقلار تۈپەيلىدىن تىجارەتتە قىيىنچىلىق كۆرۈلسە، بازار سۇبيېكتى مەلۇم مەزگىل ئىچىدە تىجارەتنى توختىتىشنى ئۆز ئالدىغا قارار قىلسا ھەمدە تىزىملىغۇچى ئورگانغا ئەنگە ئالدۇرسا بولىدۇ، تىجارەتنى ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا ئۈچ يىلدىن ئاشۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ. (5) سەمىمىيەت ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەلىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. بازار سۇبيېكتى ھەقىقىي ئىسمى بىلەن تىزىملىتىپ، تاپشۇرغان ماتېرىياللارنىڭ چىنلىقى، قانۇنلۇقلۇقى ۋە ئۈنۈملۈكلۈكىگە مەسئۇل بولۇشى ھەمدە بەلگىلىمە بويىچە يىللىق دوكلات ۋە تىزىملاشقا ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىشى كېرەك. تىزىملاتقاندا ساختا ماتېرىيال ياكى باشقا ئالدامچىلىق قىلمىشى بولسا، ئۇنىڭ بازار سۇبيېكتى بويىچە تىزىملىتىشى بىكار قىلىنىدۇ، بىۋاسىتە جاۋابكار ئۈچ يىل ئىچىدە قايتا تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلسا بولمايدۇ. تىزىملاش ئورگىنى بازار سۇبيېكتىنىڭ ئىناۋەت ئەھۋالىغا ئاساسەن دەرىجە ۋە تۈرگە ئايرىپ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، «ئىككىنى ئىختىيارىي تاللاش، بىرنى ئاشكارىلاش» ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، تىزىملانغان ئىشلارنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشى كېرەك. (6) قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنىڭ قانۇن جاۋابكارلىقى ۋە جازالاش تەدبىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. جازالاش قاراتمىلىقىنى كۈچەيتىپ، قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ تىجارەت كىنىشكىسىنى بىكار قىلىپ، سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش، ئادىل رىقابەتلىشىشتەك بازار تەرتىپىنى قوغداش كېرەك.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇزاكىرە قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ