مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىگە مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى:

خەۋپ-خەتەرنى ۋە يوشۇرۇن خەۋپنى تەكشۈرۈش-تۈزەشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

2021.04.16 15:02 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ يېقىندا كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىگە مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بەردى. تەستىقىي يوليورۇقتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ھەمدە بىخەتەرلىك، مۇقىملىق ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشتۇر. جايلار ۋە تارماقلار شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلابىلىش ۋە ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇش، تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىر تۇتاش پىلانلاش تەلىپى بويىچە، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش، ئالدىنى ئېلىش ۋە قۇتقۇزۇشنى بىرلەشتۈرۈشتا چىڭ تۇرۇش، مەۋقەنى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش، چوڭ خەتەردىن قۇتقۇزۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، يوشۇرۇن خەۋپنى تەكشۈرۈش ۋە تۈزىتىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش، جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھىسىنى ئىنچىكە مۇكەممەللەشتۈرۈش، كۆزىتىش، سىگنال بېرىش، قۇرۇلۇش ئورۇنلاشتۇرۇش، خەتەردىن قۇتقۇزۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش قاتارلىق قۇتقۇزۇش ھەمكارلىق مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جىددىي قۇتقۇزۇش قوشۇنى ۋە جابدۇق، ماددىي ئەشيا كاپالىتىنى كۈچەيتىش، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش جىددىي ئەھۋال ئىقتىدارى جەھەتتىكى كەمتۈكلىكنى تېزلىتىش كېرەك. يەرلىك ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش، دۆلەت كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش باش قوماندانلىق ئىشتابى باشلامچىلىق بىلەن ئومۇمىي جەھەتتىن تۇتۇش رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش، ئالاقىدار تارماقلار ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، كەسپىي ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇش، ھەرقايسى تەرەپلەردە بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈش، سۇ، قۇرغاقچىلىق، تەيفېڭ بورىنى قاتارلىق زور ئاپەتلەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  دۆلەت كومىسسارى، دۆلەت كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش باش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باش قوماندانى ۋاڭ يۇڭ 4- ئاينىڭ 15- كۈنى مەملىكەت بويىچە كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە، ئالدىنى ئېلىش، تەييارلىق كۆرۈش بىلەن جىددىي تاقابىل تۇرۇش، تاسادىپىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، كەلكۈنگە تەييارلىق كۆرۈش ۋە قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتنى يېنىكلىتىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى تۇتۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ۋاڭ يۇڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھازىر پۈتۈن مەملىكەتتىكى قىسمەن رايونلار ئارقا-ئارقىدىن تاشقىن مەزگىلىگە كىردى، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنى ئازايتىش ۋەزىيىتى كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتىدۇ. جايلار، دۆلەت كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش باش قوماندانلىق ئىشتابى تارماقلىرى ۋە ئالاقىدار ئورۇنلار تەشكىلىي رەھبەرلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەيدەكچىلىك قىلىپ، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش مەسئۇلىيىتى ۋە مەمۇرىي باشلىق مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەت تەدبىرلىرىنى ئالدىنى ئېلىش، تاقابىل تۇرۇش ۋە قۇتقۇزۇشنىڭ پۈتۈن جەريانىدىكى ھەرقايسى ھالقىلارغىچە ئىنچىكىلەشتۈرۈش كېرەك. مەۋقەنى چوڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، چوڭ كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش، چوڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنىڭ تۈرلۈك تەييارلىقىنى پۇختا ۋە ياخشى ئىشلەشكە قويۇپ، كۆزىتىش ۋە ئالدىن سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۈچنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، چارلاش ۋە مۇداپىئەلىنىشنى چىڭىتىپ، دەريا توسمىسى، سۇ ئامبىرى قاتارلىقلاردىكى خەتەرنى تۈگىتىش، پۇختىلاش ۋە يوشۇرۇن خەۋپنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش جابدۇقلىرى تېخنىكىسى ۋە جىددىي قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش ئىقتىدارىنى تېز ئۆستۈرۈپ، تاغ كەلكۈنى، لاتقا-شېغىللىق ئېقىن، تەيفېڭ بورىنى، شەھەر ھۆلچىلىكى قاتارلىق تۈرلۈك ئاپەتلەرنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش كېرەك. قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتنى ئازايتىشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇپ، قۇرغاق رايونلاردىكى ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشىغا ئىشلىتىلىدىغان سۇغا كاپالەتلىك قىلىپ، قۇرغاقچىلىق ۋە ھۆلچىلىكنىڭ جىددىي ئۆزگىرىشى، كۆپلىگەن ئاپەتنىڭ تەڭ يۈز بېرىشىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىپ، ئاپەت زىيىنىنى ئەڭ زور تىرىشچانلىق بىلەن ئازايتىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ