شى جىنپىڭ فىرانسىيە، گېرمانىيە رەھبەرلىرى بىلەن سىنلىق باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزدى

2021.04.19 14:08 مەنبە: خەلق تورى

  4 - ئاينىڭ 16 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون، گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل بىلەن جۇڭگو - فىرانسىيە - گېرمانىيە رەھبەرلىرى سىنلىق باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزدى. ئۈچ دۆلەت رەھبەرلىرى كىلىمات ئۆزگىرىشىگە ھەمكارلىشىپ تاقابىل تۇرۇش، جۇڭگو - ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتى، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقى ھەمدە مۇھىم، زور خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەن ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىزچىل تەشەببۇس قىلىپ كەلدىم، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش توغرىسىدا فىرانسىيە، گېرمانىيە بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايمەن. مەن جۇڭگونىڭ 2030 - يىلىدىن بۇرۇن كاربون (IV) ئوكسىدى قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، 2060 - يىلىدىن بۇرۇن كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تىرىشىدىغانلىقىنى جاكارلايمەن، بۇ، جۇڭگونىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، پۈتۈن يەر شارى بويىچە كاربون قويۇپ بېرىش سىجىللىقىنى تۆۋەنلىتىشتىكى ئەڭ يۇقىرى نىسبەتنى تاماملاپ، پۈتۈن يەر شارى تارىخىدا كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈشتىن كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشقا ئۆتۈشنى ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىشقا ئاشۇرىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئېنىقكى، بۇ، بىر مەيدان قاتتىق جەڭ. جۇڭگو تەرەپ گېپىدە تۇرىدۇ، ئىشنى نەتىجىلىك قىلىدۇ، بىز كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئايلانما ئىقتىساد تەرەققىياتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويىمىز. جۇڭگو «<مونترېيال كېلىشىمنامىسى> كىگالى تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى»نى قوبۇل قىلىپ، ھىدروگېن فىتوركاربىدلار قاتارلىق غەيرىي كاربون (IV) ئوكسىد پارنىك گازىنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىشنى قارار قىلدى. كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق ئىشى، ئۇ جۇغراپىيەلىك سىياسىي دەسمايىگە، باشقا دۆلەتلەرگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ نىشانىغا، سودا توسۇقىنىڭ باھانىسىگە ئايلىنىپ قالماسلىقى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ئادىل، ئورتاق لېكىن پەرقى بولغان مەسئۇلىيەت، ئۆز ئىقتىدارىغا قاراش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا ئەھدىنامىسى» ھەم ئۇنىڭ «پارىژ كېلىشىمى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى بويىچە جەنۇب - جەنۇب ھەمكارلىقىنى پائال قانات يايدۇرىدۇ. تەرەققىي تاپقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىش ھەرىكىتى سالمىقى جەھەتتە ئۈلگە بولۇشىنى ھەم كىلىمات مەبلىغى چىقىرىش ۋەدىسىنى باشلامچىلىق بىلەن نەقلەشتۈرۈپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشىنى يېتەرلىك تېخنىكا، ئىقتىدار قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە قوللىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھازىر، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يەنىلا پۈتۈن يەرشارىدا يامرىماقتا، دۇنيا ئىقتىسادىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋەزىپىسى ئىنتايىن مۈشكۈل. جۇڭگو - ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتى يېڭى تەرەققىيات پۇرسىتىگە دۇچ كەلمەكتە، شۇنداقلا تۈرلۈك خىرىسلارغىمۇ دۇچ كەلمەكتە. جۇڭگو - ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات چوڭ يۆنىلىشى ۋە ئاساسىي رىتىمىنى ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدىن مەھكەم ئىگىلەش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، فىرانسىيە، گېرمانىيە كارخانىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانىلارغا ئادىل، ھەققانىي، كەمسىتىش بولمىغان تىجارەت - سودا مۇھىتى يارىتىپ بېرىدۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرەپنىڭمۇ مۇشۇنداق ئاكتىپ پوزىتسىيە بىلەن جۇڭگو كارخانىلىرىغا مۇئامىلە قىلىپ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو - ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يېشىل، رەقەملىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى زورايتىپ، كۈچەيتىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگو تەرەپ «ۋاكسىنا مىللەتچىلىكى»گە قارشى تۇرىدۇ، سۈنئىي ئىممۇنىتېت ھاڭى پەيدا قىلىشقا قارشى تۇرىدۇ، فىرانسىيە، گېرمانىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ۋاكسىنىغا ۋاقتىدا ئېرىشىشىگە مەدەت بېرىشنى ۋە ياردەم بېرىشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشقا تەييارلىق كۆرۈۋاتقان تەنھەرىكەتچىلەرنى ۋاكسىنا بىلەن تەمىنلەشنى خالايدۇ.

  ماكرون مۇنۇلارنى بىلدۈردى: فىرانسىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ 2060 - يىلىدىن بۇرۇن كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تىرىشىدىغانلىقىنى جاكارلىغانلىقىنى قارشى ئالىدۇ، بۇ مۇھىم، زور ۋەدە جۇڭگو تەرەپنىڭ مۇھىم مەسئۇلىيەتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممىگە ئالىدىغانلىقىنى نامايان قىلدى. فىرانسىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە فىرانسىيە - جۇڭگو، ياۋروپا ئىتتىپاقى - جۇڭگو ئىقتىساد مۇناسىۋىتىنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئافرىقىنىڭ يېشىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا قول تۇتۇشۇپ ياردەم بېرىشنى ھەم تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ قەرزىنى كېمەيتىش - كېچىكتۈرۈشكە ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى خالايدۇ. ۋاكسىنا چوڭ دۆلەتلەرنىڭ رىقابەت قورالىغا ئايلىنىپ قالماسلىقى كېرەك، فىرانسىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ۋاكسىنىنى ئادىل تەقسىملەش توغرىسىدا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى، ئىران يادرو مەسىلىسى قاتارلىق رايون مەسىلىلىرىدە ماسلىشىشنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ.

  مېركېل مۇنۇلارنى بىلدۈردى: گېرمانىيە، فىرانسىيە، جۇڭگو ئۈچ دۆلەتنىڭ ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشى ئىنتايىن مۇھىم. جۇڭگونىڭ دۆلەتنىڭ ئۆز ئالدىغا تۆھپە قوشۇش نىشانىنى جاكارلىشى ھەم يۈكسەك ئىرادىگە ئىگە، ھەم خىرىسقا تولغان بولۇپ، يەر شارىۋى كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم، ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن سىياسەتتە پىكىرلىشىش ۋە ئۇدۇللىشىشنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. جۇڭگونىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى ئالدى بىلەن ئەسلىگە كەلتۈرۈشى دۇنياغا نىسبەتەن ياخشى خەۋەر. گېرمانىيە تەرەپ جۇڭگونىڭ «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى يولغا قويۇشىنىڭ گېرمانىيە - جۇڭگو، ياۋروپا ئىتتىپاقى - جۇڭگو ھەمكارلىقىغا ئېلىپ كەلگەن مۇھىم پۇرسىتىگە ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئۆزئارا پايدا - مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، رەقەملىك ئىقتىساد، تور بىخەتەرلىكى قاتارلىق مەسىلىلەردە پىكىرلىشىشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى دۆلەت كارخانىلىرىغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىپ، سودا توسىقىدىن ساقلىنىشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشىپ، «ياۋروپا ئىتتىپاقى - جۇڭگو مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى»نىڭ تېزدىن تەستىقلىنىپ كۈچكە ئىگە بولۇشىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  ئۈچ دۆلەت رەھبەرلىرى بىردەك مۇنداق قارىدى: كۆپ تەرەپچىللىكتە چىڭ تۇرۇپ، «پارىژ كېلىشىمى»نى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئادىل، مۇۋاپىق بولغان، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان يەر شارىۋى كىلىمات تۈزەش سىستېمىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، رەھبەرلەر كىلىمات باشلىقلار يىغىنىدا ئاكتىپ، تەڭپۇڭ، ئەمەلىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش؛ كىلىمات سىياسىتى سۆھبىتى ۋە يېشىل تەرەققىيات ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشنى جۇڭگو - ياۋروپا ئىتتىپاقى ھەمكارلىقىنىڭ مۇھىم تۈۋرۈكىگە ئايلاندۇرۇش؛ كۇنمىڭ «جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى» بويىچە 15 - قېتىملىق ئەھدىنامە تۈزۈشكەن تەرەپلەر يىغىنى، گلاسگوۋ «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا ئەھدىنامىسى» بويىچە 26 - قېتىملىق ئەھدىنامە تۈزۈشكەن تەرەپلەر يىغىنى، مارسېل 7 - نۆۋەتلىك دۇنيا تەبىئەتنى قوغداش يىغىنى قاتارلىق مۇھىم كۆپ تەرەپلىك قارالمىلارنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئۆتكۈزۈپ، يەر شارىۋى مۇھىتنى تۈزەش يېڭى ئەندىزىسى بەرپا قىلىش؛ «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى يولغا قويۇش پىلانى»نى قوللاپ، خادىملارنىڭ ساغلام، بىخەتەر، تەرتىپلىك بېرىش - كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپ زەنجىرىنىڭ راۋان، مۇقىم بولۇشىنى قوغداپ، خەلقئارا ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىنىڭ بالدۇرراق نورماللىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش؛ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئېنېرگىيە تەمىناتىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك، پاكىز، كۆپ مەنبەلىك يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى قوللاش كېرەك.

  ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ