مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ كەسپىي مائارىپ خىزمىتىگە قارىتا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى

زامانىۋى كەسپىي مائارىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى ساپالىق تېخنىكا - ماھارەت ئىختىساسلىقلىرى، قابىل ھۈنەرۋەنلەر، چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋەنلىرىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك

لى كېچياڭ تەستىقىي يوليورۇق بەردى

2021.04.15 09:13 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا كەسپىي مائارىپ خىزمىتىگە قارىتا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە، كەسپىي مائارىپنىڭ ئىستىقبالى پارلاق، چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدۇ. پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، توغرا مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، كەسپىي مائارىپنىڭ تۈرى، تىپىنى بېكىتىشنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنىڭ يۇغۇرۇلۇشى، مەكتەپ بىلەن كارخانىنىڭ ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئادەم تەربىيەلەش شەكلى، مەكتەپ باشقۇرۇش ئەندىزىسى، باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى، كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، كەسپىي تولۇق كۇرس مائارىپىنى پۇختا قەدەمدە راۋاجلاندۇرۇپ، بىر تۈركۈم يۇقىرى سەۋىيەدىكى مەكتەپ، شۆيۈەن ۋە كەسىپلەرنى بەرپا قىلىپ، كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر بىلەن ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، كەسپىي مائارىپنىڭ ماسلىشىشچانلىقىنى كۈچەيتىپ، زامانىۋى كەسپىي مائارىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى ساپالىق تېخنىكا - ماھارەت ئىختىساسلىقلىرى، قابىل ھۈنەرۋەنلەر، چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋەنلىرىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشنى، سىياسەت بىلەن تەمىنلەشنى، سېلىنما سالمىقىنى زورايتىپ، ھۈنەرۋەن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، تېخنىكا - ماھارەت ئىختىساسلىقلىرىنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنىنى ئۆستۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك ئىختىساسلىقلار ۋە ماھارەت تىرىكى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: كەسپىي مائارىپ تېخنىكا - ماھارەت ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش جۇڭگو ياسىمىچىلىقى ۋە مۇلازىمىتىنى يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم ئاساس. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، كەسپىي مائارىپنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى كۆزلەپ، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىپ، ئىلغار تەجرىبىلەرنى ئۆرنەك قىلىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك، يۇقىرى قاتلاملىق تېخنىكا - ماھارەت ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش سىستېمىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش كېرەك. تېخنىكا ئىسلاھاتى ۋە كەسىپلەرنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش يۆنىلىشىنى نىشانلاپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنىڭ يۇغۇرۇلۇشى، مەكتەپ بىلەن كارخانىنىڭ ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىپ، تېخىمۇ كۆپ ياشلارنى كەسپىي ماھارەت مائارىپىنى قوبۇل قىلىشقا جەلپ قىلىپ، مائارىپ زەنجىرى، ئىختىساسلىقلار زەنجىرى بىلەن كەسىپ زەنجىرى، يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرىنى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى ۋە مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دەرسلىك ۋە ئوقۇتۇش شەكلىنى ئەلالاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە شاگىرت تۈزۈمى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئوقۇغۇچىلاردا ھۈنەرۋەن روھى ۋە تېخىمۇ مۇكەممەل قىلىشقا ئىنتىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، يۈز مىليونلىغان يۇقىرى ساپالىق تېخنىكا - ماھارەت ئىختىساسلىقلىرىنى تىرىشىپ يېتىشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنى مۇستەھكەم تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  مەملىكەتلىك كەسپىي مائارىپ يىغىنى 4 - ئاينىڭ 12 - كۈنىدىن 13 - كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى، يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى ۋە لى كېچياڭنىڭ تەستىقىي يوليورۇقى يەتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى سۈن چۇنلەن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كەسپىي مائارىپ توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، تۈرىنى، تىپىنى بېكىتىشنى ئەلالاشتۇرۇپ، زامانىۋى كەسپىي مائارىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك. ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكوم، ئالىي دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكوم، تولۇق كۇرس كەسپىي مائارىپى تەربىيەلەش سىستېمىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ لايىھەلەپ، «ئوقۇتقۇچى، دەرسلىك، ئوقۇتۇش ئۇسۇلى» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «ئىش ئورنى، دەرس، مۇسابىقە، كىنىشكا» ئارقىلىق ئۇنىۋېرسال ئادەم تەربىيەلەپ، مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. كۆپ مەنبەلىك مەكتەپ باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنى يۇغۇرۇش، مەكتەپ بىلەن كارخانا ھەمكارلىقى سىياسىتىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، كەسپىي مائارىپنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان باھالاش چارىسى ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار كاپالەتلەندۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، تېخنىكا - ماھارەت ئىختىساسلىقلىرىنىڭ تەمىناتىنى ئۆستۈرۈپ، كەسپىي تەرەققىيات يولىنى راۋانلاشتۇرۇپ، كەسپىي مائارىپنىڭ ئېتىراپ قىلىنىش دەرىجىسى ۋە جەلپ قىلىش كۈچىنى كۈچەيتىشى كېرەك.

  دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى، قوشۇمچە گوۋۇيۈەننىڭ باش كاتىپى شياۋ جيې يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، شەندۇڭ، جياڭسۇ، جياڭشى، گەنسۇ، جۇڭخۇا كەسپىي مائارىپ جەمئىيىتى، جۇڭچې گۇرۇھى، خۇاۋېي تېخنىكا چەكلىك شىركىتىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار يىغىندا سۆز قىلدى.

  ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە پىلانى ئايرىم شەھەرلەر، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدىكى مائارىپ خىزمىتىگە مەسئۇل يولداشلار، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار، ئالاقىدار خەلق تەشكىلاتلىرى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئورگىنىدىكى ئالاقىدار تارماقلار ھەمدە بىر قىسىم ساھە جەمئىيەتلىرى، كارخانىلار، ئالىي مەكتەپلەر، كەسپىي مەكتەپ، شۆيۈەنلەردىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ