مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ ئامېرىكا سودا-سانائەت ساھەسىدىكى رەھبەرلەر بىلەن سۆھبەتلىشىش يىغىنىغا قاتناشتى

2021.04.14 19:22 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 13-ئاپرېل جۇڭنەنخەيدىكى زىگۇاڭگې زالىدا، ئامېرىكا سودا-سانائەت ساھەسىدىكى رەھبەرلەر بىلەن سىنلىق سۆزلىشىش يىغىنىغا قاتناشتى. ئامېرىكا-جۇڭگو سودىسى مەملىكەتلىك كومىتېتى ۋە ئامېرىكىدىكى 20 نەچچە داڭلىق دۆلەت ھالقىغان شىركەتنىڭ باش مۇدىرلىرى ۋە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارلىرى يىغىنغا قاتناشتى. لى كېچياڭ ئۇلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى ھەمدە سوئاللارغا جاۋاب بەردى. ئامېرىكىنىڭ سابىق مالىيە مىنىستىرى، پاۋلسون فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھېنرى پاۋلسون يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىككى دۆلەت خەلقى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ سۆزلىشىشىدە ھاسىل قىلىنغان ئورتاق تونۇش بويىچە توقۇنۇشماسلىق، قارشىلاشماسلىق، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش روھىدا چىڭ تۇرۇپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلىرىگە ھۆرمەت قىلىپ، سۆزلىشىش، پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق باشقۇرۇپ-تىزگىنلەپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم يۆنىلىشكە قاراپ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت ۋە ئەڭ چوڭ تەرەققىي تاپقان دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، بىرلەشسە ئىككىلا تەرەپكە پايدىلىق، ئۇرۇشسا ئىككىلا تەرەپكە زىيانلىق. ئىككى دۆلەت ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتىنىڭ ماھىيىتى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىش بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ بەخت-سائادىتىگە، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشىگە پايدىلىق. بۇلتۇرقى قاتمۇقات زەربىگە ئۇچرىغان ئارقا كۆرۈنۈشتە، ئىككى دۆلەتنىڭ سودا سوممىسى ئوڭۇشسىز ۋەزىيەتتە تەتۈر ئاشتى، بۇ ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنىڭ شارائىتى ۋە پۇرسىتىنىڭ ئوبيېكتىپ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ ئۆزئارا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ھەمكارلىق داۋامىدا كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى يەنە ھەمكارلىق داۋامىدا ھەل قىلىش كېرەك. «ئايرىۋېتىش»نىڭ ھېچكىمگە پايدىسى يوق، دۇنياغا زىيان يەتكۈزىدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ ئوخشاش يۆنىلىشكە قاراپ ئىلگىرىلەپ، ئورتاق مەنپەئەت تورتىنى زورايتىش ئارقىلىق ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىنى قوغداشنى ئۈمىد قىلىمەن.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سىرتقا ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇش جۇڭگونىڭ تۈپ دۆلەت سىياسىتى، جۇڭگونىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسى بارغانسېرى چوڭ ئېچىلىدۇ. بىز يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېز بەرپا قىلىشتا بىر تەرەپتىن، ئىچكى بازارنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى ئۈزلۈكسىز قويۇپ بېرىپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشقا مۇقىم تىرەك بولۇشنى شەكىللەندۈرۈشىمىز، يەنە بىر تەرەپتىن، جۇڭگونىڭ 1 مىليارد 400 مىليون ئاھالىسى بار چوڭ بازىرىنى تېخىمۇ ئېچىۋېتىپ، جۇڭگونى چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالىدىغان مۇھىم مەنزىلگە، دۇنيانىڭ چوڭ بازىرىغا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك. بىز ئىشىكنى سىرتقا يەنىمۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېچىۋېتىپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت-سودا مۇھىتى يارىتىپ، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىچكى-تاشقى مەبلەغ كارخانىلىرى ئوخشاش مۇئامىلىگە ئېرىشىدىغان، ئادىل رىقابەتلىشىدىغان بازار مۇھىتى يارىتىمىز. ئامېرىكا ۋە دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىگە پائال قاتنىشىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشنى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى قارشى ئالىمىز.

  لى كېچياڭ يەنە يىغىنغا قاتناشقان كارخانىچىلار ئوتتۇرىغا قويغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەسىلىلەرگە جاۋاب بەردى.

  ئامېرىكا تەرەپ ۋەكىلى مۇنداق دېدى: توقۇنۇش، قارشىلىشىشتىن ساقلىنىپ، ئامېرىكا-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى قايتىدىن ئىجابىي يولغا سېلىش ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن. ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقى ئامېرىكا-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇل تېشى، «ئايرىۋېتىش» ئامېرىكا-جۇڭگو ئىككى دۆلەت ۋە پۈتۈن دۇنياغا غايەت زور مۇقىمسىزلىق ئامىلى ئېلىپ كېلىدۇ. ئامېرىكا سودا-سانائەت ساھەسىدىكىلەر ئىككى تەرەپنىڭ ئالاقە ئارقىلىق ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ۋە يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، خادىملار ئالاقىسىنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى قوللايدۇ.

  ئامېرىكا كارخانىلىرى جۇڭگونىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، تىجارەت-سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى ۋە بازار پۇرسىتىنى ياخشى كۆرۈپ، جۇڭگودا ئىقتىساد-سودا، مەبلەغ سېلىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۇزاق مۇددەت ھەمكارلىشىشقا داۋاملىق كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ