مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەن جېڭ ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ زامانىۋى مالىيە- باج، پۇل مۇئامىلە تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىش مەخسۇس مۇھاكىمە كۇرسى سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى ئىلمىي تەھلىل قىلىپ، مالىيە-باج نۇقتىلىق خىزمەتلىرىنى ياخشى تۇتۇپ، زامانىۋى مالىيە-باج تۈزۈلمىسى ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك

2021.04.16 18:27 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ 15-ئاپرېل ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ زامانىۋى مالىيە-باج، پۇل مۇئامىلە تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىش مەخسۇس مۇھاكىمە كۇرسى سۆھبەت يىغىنىغا قاتنىشىپ، كۇرسانتلار ۋەكىللىرىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىدى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنى ۋە ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتىكى ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى ئىلمىي تەھلىل قىلىپ، تەتقىق قىلىپ، مالىيە-باج نۇقتىلىق خىزمەتلىرىنى ياخشى تۇتۇپ، زامانىۋى مالىيە-باج تۈزۈلمىسى ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنى كۈچلۈك تىرەك ۋە كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  خەن جېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىلدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جايلار، تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، پائال نەتىجە يارىتىپ، يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى ھەزىم قىلىش شارائىتىدا دۆلىتىمىز ئىقتىسادى ئەسلىگە كېلىش خاراكتېرلىك ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇردى، نەتىجىلەرنىڭ قولغا كېلىشى ئاسانغا چۈشمىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شۇنىمۇ كۆرۈش كېرەككى، نۆۋەتتە ئىچكى-تاشقى ۋەزىيەتتە ناھايىتى زور ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشى يەنە نۇرغۇن ئېنىقسىزلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ، كاللىنى باشتىن-ئاخىر سەگەك تۇتۇپ، ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى ئومۇميۈزلۈك، ئوبيېكتىپ، سوغۇققانلىق بىلەن تەھلىل-تەتقىق قىلىپ، مەسىلە، خىرىسلارغا بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، ياخشى ئىگىلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، ئورتاق بېيىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشتىن ئىبارەت ئۈچ ئاچقۇچنى ياخشى ئىگىلەپ، مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، زېھنىمىزنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى ياخشى قىلىشىمىز كېرەك.

  خەن جېڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مالىيە − دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئاساسى ۋە مۇھىم تۈۋرۈكى، پارتىيە ۋە دۆلەت ئومۇمىيىتى نۇقتىسىدا تۇرۇپ، تۈرلۈك مالىيە-باج خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك. يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ يوشۇرۇن قەرزىنىڭ كۆپىيىشىنى قەتئىي توسۇپ، قەرز ساقلانما مىقدارىنى پۇختا تۈگىتىپ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرز خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش كېرەك. يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەخسۇس زايومىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، «مەبلەغنىڭ تۈرگە ئەگىشىپ مېڭىشى»دا چىڭ تۇرۇپ، تۈر زاپىسىنى چوڭقۇر، ئەمەلىي ئىشلەپ، تۈرنىڭ پىشىپ يېتىلىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. «تۇرالغۇلار پۇل تېپىشقا ئەمەس، بەلكى ئولتۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ» دەيدىغان مەۋقەدە چىڭ تۇرۇپ، ئۆي-زېمىن كەسپىنى ئىقتىسادنى قىسقا مەزگىللىك غىدىقلاشنىڭ ۋاسىتىسى قىلىۋالماي، ئۆي-زېمىن بازىرىنى تەڭشەش-تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، سىياسەت قورالى ساندۇقىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۆي-زېمىن بازىرىنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. سىياسەت جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كاپالەتلىك ئىجارە تۇرالغۇسى تەمىناتىنى ھەقىقىي ئاشۇرۇپ، چوڭ شەھەرلەردىكى تۇرالغۇ جەھەتتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىش كېرەك.

  نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمە-مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يەرلىكتىكى ئوتتۇرا، كىچىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ خەۋپ-خەتىرىنى قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىپ، سىستېمىلىق پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرى يۈز بەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى ساقلاش كېرەك. كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ ۋاقتىدا، تولۇق تارقىتىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى مەملىكەت بويىچە بىرتۇتاش پىلانلاشنى پۇختا، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى ۋە باجدىن باشقا كىرىمنى باج تارمىقىنىڭ يىغىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، مالىيە كۈچى كاپالىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ «ئۈچكە كاپالەتلىك قىلىش» تۆۋەن چېكىنى پۇختا ساقلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان مالىيە-باج پولات قوشۇنى بەرپا قىلىش كېرەك.

  مەركەز ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسىدىكى بارلىق كۇرسانتلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى، جياڭسۇ ئۆلكىسى، خېنەن ئۆلكىسى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى، شەنشى ئۆلكىسى ۋە دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، ئىقتىسادىي تەپتىش مەھكىمىسىدىن كەلگەن كۇرسانتلار ۋەكىللىرى سۆز قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ