مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ۋاڭ ياڭ ئىچكى موڭغۇلدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى

جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى قەتئىي تەۋرەنمەي مۇستەھكەملەپ، ۋەتەننىڭ شىمالىي چېگراسىنىڭ بىخەتەرلىك، مۇقىملىق توسۇقىنى مۇستەھكەم قۇرۇش كېرەك

2021.04.15 19:48 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يېقىندا ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە ئىچكى موڭغۇلنىڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى تولۇق، توغرا چۈشىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ تارىخىي ئورنىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى چىڭ تۇتۇپ، توغرا دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىنىي قاراشنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئورتاقلىق بىلەن پەرقنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا تونۇپ ۋە بىر تەرەپ قىلىپ، مىللەتلەر ساھەسىدىكى چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، «نەمۇنىلىك ئاپتونوم رايون»نىڭ ئالىي شان-شەرىپىنى ياخشى قوغداپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق، چېگرا رايوننىڭ خاتىرجەملىكىدىن ئىبارەت ياخشى ۋەزىيەتنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش لازىم.

  12-ئاپرېلدىن 14-ئاپرېلغىچە، ۋاڭ ياڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىنى باشلاپ ئىچكى موڭغۇلغا كېلىپ، تۆت گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ كۆكخوت، باۋتوۋ، تۇڭلياۋ، شىلىنغول قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، شەھەر مەھەللىلىرى، يېزا-قىشلاقلار، تۈرلۈك مەكتەپلەر، پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى، مەدەنىيەت ئورۇنلىرىغا بېرىپ، ھەر دەرىجىلىك كادىرلار، مۇتەخەسسىس، ئالىملار، ھەر مىللەت ئامما بىلەن بىردە بىر سۆھبەتلەشتى ھەم سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى.

  ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: دۆلىتىمىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، بۇ، يېڭى دەۋردىكى مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەڭ چوڭ ئارقا كۆرۈنۈشى. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش − مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى ئۇل خاراكتېرلىك ئىستراتېگىيەلىك قۇرۇلۇش. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۆپ مەنبەلىك بىر گەۋدىلەشكەن ئەندىزىسىگە بولغان تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى تارىخىنى تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى بىزنىڭ بىپايان زېمىنىمىزنى ھەرقايسى مىللەتلەر ئورتاق ئاچقان، ئۇزاق تارىخنى ھەرقايسى مىللەتلەر ئورتاق يازغان، شانلىق مەدەنىيەتنى ھەرقايسى مىللەتلەر ئورتاق ياراتقان، ئۇلۇغ روھنى ھەرقايسى مىللەتلەر ئورتاق يېتىلدۈرگەنلىكىنى ھەر ۋاقىت ئېسىدە تۇتۇشقا تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، تارىخنى خەلق ياراتقان، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇشقا تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ تارىخىي تۆھپىسى ۋە تارىخىي شەخسلەرنىڭ رولىغا ئوبيېكتىپ باھا بېرىش كېرەك. مىللىي ئاڭ بىلەن جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى تونۇش ئاساسىدا مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش، ئۇنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، دۆلەت بىرتۇتاش تۈزگەن دەرسلىكلەرنى ئومۇملاشتۇرۇش، ئىشلىتىش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنى پەن-مەدەنىيەت بىلىملىرىنى تېخىمۇ ياخشى قوبۇل قىلىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ۋە زامانىۋى جەمئىيەتكە سىڭىپ كىرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

  ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مىللىي رايونلۇق ئاپتونومىيە تۈزۈمى دۆلىتىمىزنىڭ بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت ئاساسىي دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن بولۇپ، قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچكە ئىگە. مىللىي رايونلۇق جايلارنىڭ ھەممىسى پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى جايلار، ھەممىسى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى ئورتاق ئىگە بولغان جايلاردۇر. ئاپتونومىيەلىك جايلار ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشتە دۆلەتنىڭ ئاساسىي قانۇنى، قانۇنلىرى ۋە ئەمىر-پەرمانلىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى ئالدىنقى شەرت قىلىپ، سوتسىيالىستىك قانۇنچىلىقنىڭ بىرلىكىنى قوغدىشى شەرت. دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، مىللەتلەر سىياسىتىنى رەتلەپ باھالاپ ۋە تەڭشەپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مىللەت ئامىلى بىلەن رايون ئامىلىنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، ئېھتىياتچانلىق بىلەن پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرىلەش كېرەك.

  يوۋ چۈەن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بىللە بولدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ