مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى شەنشىدە قاتتىق تاشلاندۇقلارنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانۇنىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈردى

لى جەنشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قاتتىق تاشلاندۇقلارنى زىيانسىزلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىپ، بايلىققا ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى

2021.04.14 19:20 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ 9-ئاپرېلدىن 13-ئاپرېلغىچە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنى باشلاپ، شەنشىدە قاتتىق تاشلاندۇقلارنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانۇنىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قاتتىق تاشلاندۇقلارنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقى، تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، بۇ قانۇننى قاتتىق، ئومۇميۈزلۈك ياخشى يولغا قويۇپ، قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرنى ماددىمۇماددا، تۈرمۇتۈر دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قاتتىق تاشلاندۇقلارنى زىيانسىزلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش ۋە بايلىققا ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىش، زىياننى تۈگىتىپ پايدىنى كۆپەيتىش، كېرەكسىز نەرسىلەرنى گۆھەرگە ئايلاندۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ يۈلىن، يەنئەن، خەنجۇڭ، شىئەن قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، كارخانا سېخلىرى، قۇرۇلۇش ئورۇنلىرى، كۆكەرتىش قۇرۇلۇشلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، سانائەت داشقاللىرىنى زىيانسىزلاشتۇرۇش ۋە ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىش، قۇرۇلۇش ئەخلەتلىرى ۋە تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى يىغىۋېلىپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى تۈزەش ۋە بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەھۋالىنى تەكشۈردى. لى جەنشۇ سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، ئالاقىدار ئەھۋاللار توغرىسىدىكى دوكلات ۋە پىكىر-تەكلىپلەرنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: شەنشى قاتتىق تاشلاندۇقلارنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قانۇنىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجە-ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى، قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىدە يېڭى قەدەم تاشلاشقا تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.

  لى جەنشۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تۈزەش جېڭىنى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىسى قىلىپ، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىياتنى يېتەكچى قىلىشتىن ئىبارەت يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى يولى ئۈستىدە ئىزدەندى. قاتتىق تاشلاندۇقلارنىڭ بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ياخشى ئىگىلەپ، قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشىغا چوڭقۇر تۈرتكە بولۇش كېرەك. بىرىنچى، قانۇندا بېكىتىلگەن مۇھىم، زور پىرىنسىپ ۋە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. مىقدارنى ئازايتىش، بايلىققا ئايلاندۇرۇش، زىيانسىزلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت «ئۈچلەشتۈرۈش» پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ بايلىق تېجەر، مۇھىت سۆيەر، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئۇسۇلىنى شەكىللەندۈرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك. ئىككىنچى، قانۇن قورالى ئارقىلىق قىيىن نۇقتا، توسۇق نۇقتا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش كېرەك. قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى بىر قاتار يېڭى تۈزۈم، تەدبىرلەرنى جايىدا ئىجرا قىلىپ، خەتەرلىك تاشلاندۇقلارنى تۈزەشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، چەت ئەل ئەخلەتلىرىنىڭ چېگرادىن كىرىشىنى ئومۇميۈزلۈك مەنئى قىلىپ، تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى تۈرگە ئايرىشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى تېز بەرپا قىلىپ، داۋالاش ئەخلەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەسى ۋە ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ ساغلاملىقى ۋە مۇھىت بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، سانائەت قاتتىق تاشلاندۇقلىرى، قۇرۇلۇش ئەخلەتلىرى، يېزا ئىگىلىك قاتتىق تاشلاندۇقلىرىنى زىيانسىزلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشقا داۋاملىق كۈچ چىقىرىش كېرەك. ئۈچىنچى، ھۆكۈمەت قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىشى كېرەك. قاتتىق تاشلاندۇقلارنىڭ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش نىشانلىق مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ۋە تەكشۈرۈپ باھالاش تۈزۈمىنى قانۇن بويىچە ئورنىتىپ ۋە يولغا قويۇپ، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ۋە تارماقلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، مەمۇرىي رايون ھالقىغان بىرلەشمە مۇداپىئە-كونترول مېخانىزمى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك. تۆتىنچى، قانۇن ئىجرا قىلىش ۋە قانۇن يۈرگۈزۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. زەربە بېرىش سالمىقىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش بىلەن جىنايى ئىشلار بويىچە قانۇن يۈرگۈزۈشنىڭ ئۈنۈملۈك جىپسىلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، قانۇننىڭ كۈچىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. بەشىنچى، يانداش قانۇن-نىزام ۋە مۇناسىۋەتلىك ئۆلچەم، تىزىملىكلەرنى تۈزۈش ۋە تۈزىتىشنى تېزلىتىپ، قانۇننى ئومۇميۈزلۈك، ئۈنۈملۈك يولغا قويۇش، قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى مۇھىم كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك. ئالتىنچى، پۈتكۈل جەمئىيەت ئورتاق ئىدارە قىلىدىغان، ئورتاق قوغدايدىغان ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. سىياسەت يېتەكچىلىكى ۋە نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ، كارخانىلارنىڭ بۇلغىنىشنى تۈزەش سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىش كېرەك. قانۇن تەشۋىقاتىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلاشقا تۆھپە قوشۇش ئۈچۈن، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش كېرەك.

  شەنشىدىكى مەزگىلدە، لى جەنشۇ پارتىيە 7-قۇرۇلتىيى ئېچىلغان جاي، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى غەربىي شىمال بىيۇروسىنىڭ كونا ئورنى قاتارلىق ئىنقىلابىي خاتىرە جايلارغا ئېھتىرام بىلدۈرۈپ، مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى يەنئەن روھى ئارقىلىق قەتئىي بوشاشماي تەربىيەلەپ، قىزىل بايلىقنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ياخشى قانات يايدۇرۇپ، قىزىل مەدەنىيەتكە ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ ئۈنۈمىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  لى جەنشۇ يەنە ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئورگىنىغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، بەش دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ