خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ياپونىيە ھۆكۈمىتى 19- چېسلا، رادىيوئاكتىپلىق ماددىلارنىڭ ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەنلىكى تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغانلىقتىن، فۇكۇشىما ناھىيەسى دېڭىز تەۋەلىكىدىكى قارا رەڭلىق بېلىقلارنىڭ بازارغا سېلىنىشى مەنئى قىلىنىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى. مەزكۇر قارا رەڭلىق بېلىقلارنىڭ بۇلتۇر 2- ئايدا فۇكۇشىما ناھىيەسىنىڭ دېڭىز تەۋەلىكى دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى بازارغا سېلىنىشى چەكلىمىسى ئومۇميۈزلۈك بىكار قىلىنغان ئەھۋالنى بۇزۇپ تاشلىدى.
ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ فۇكۇشىما ناھىيەسىدىن نەقىل كەلتۈرگەن خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: مۇشۇ ئاينىڭ 1- كۈنى فۇكۇشىما ناھىيەسى دېڭىز تەۋەلىكىدە تۇتۇلغان بىر قارا رەڭلىق بېلىقنىڭ بەدىنىدىن 270 بېكلېر رادىيوئاكتىپلىق ماددا سېزىي تەكشۈرۈپ تېپىلغان بولۇپ، بۇ، «يېمەكلىك تازىلىقى قانۇنى»دا بەلگىلەنگەن ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتتى. فۇكۇشىما ناھىيەسىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قارا رەڭلىق بېلىقلار فۇكۇشىما ناھىيەسىنىڭ جەنۇبىغا 13 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدىكى 37 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىن تۇتۇۋېلىنغان.
بۇ يىل 2- ئايدا، فۇكۇشىما ناھىيەلىك بېلىقچىلىقنى ماسلاشتۇرۇش بىرلەشمىسى سۈزۈش مەشغۇلاتىنى سىناق قىلىۋاتقاندا، بۇ ناھىيەنىڭ قارا رەڭلىق بېلىقلارنىڭ تېنىدىكى رادىيوئاكتىپلىق ماددىلارنىڭ ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بايقىغان ھەم تەشەببۇسكارلىق بىلەن قارا رەڭلىق بېلىقلارنىڭ بازارغا سېلىنىشىنى توختاتقان.
توكيو ئېلېكتىر شىركىتى فۇكۇشىما 1- يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا ھادىسە يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئەڭ كۆپ بولغاندا 44 خىل دېڭىز مەھسۇلاتىنىڭ بازارغا سېلىنىشى چەكلەنگەن، لېكىن، بۇلتۇر 2- ئاينىڭ 25- كۈنىدىن باشلاپ يۇقىرىقى دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى بازارغا سېلىش چەكلىمىسى ئومۇميۈزلۈك بىكار قىلىنغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ