شۇ يەر ۋاقتى 2015-يىلى 17-نويابىر فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ھوللاند پارىژ ئېلىسې سارىيىدا ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررى بىلەن كۆرۈشتى. كېررى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا بىلەن فىرانسىيە ھەسسىلەپ تىرىشىپ، تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى ئالماشتۇرىدۇ. كېررى ئىلگىرى مۇنداق دېگەن: ئامېرىكا بىلەن فىرانسىيە ئورتاق كۈرەش قىلىپ ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئۈستىدىن غالىب كېلىشى كېرەك.