شىنخۇا تورى، سېئول، 12-يانۋار تېلېگراممىسى. كورىيە زۇڭتۇڭى پاك گيۇنخاي 12-يانۋار چوڭۋادەدە ئۆتكۈزۈلگەن يېڭى يىللىق مۇخبىرلار يىغىنىدا، كورىيە-چاۋشيەن سۆھبىتىنى تېزرەك ئۆتكۈزۈش، كورىيە-ياپونىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا ئىپادە بىلدۈردى ۋە چۇڭۋادە ھۆججىتىنىڭ سىرتقا ئاشكارىلىنىش ۋەقەسى توغرىسىدا كەچۈرۈم سورىدى.
كورىيە-چاۋشيەن سۆھبىتى توغرىسىدا پاك گيۇنخاي مۇنداق دېدى: ئىككى تەرەپكە تارقىلىپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ ياش مەسىلىسىنى ئويلىشىپ، جەنۇب-شىمالغا تارقىلىپ كەتكەن ئائىلىلەرنى جەم بولۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشىنى كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ. چاۋشيەن كورىيە تەرەپنىڭ سۆھبەتلىشىش تەلىپىگە ئىككىلەنمەستىن پائال ئىنكاس قايتۇرۇپ، تارقىلىپ كەتكەن ئائىلىلەرگە چاغاننىڭ ئالدى-كەينىدە جەم بولۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ بېرىش، چاۋشيەن خەلقىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇزاكىرىلىشىپ ئورتاقلىشىشى كېرەك.
مەنبە: خەلق تورى