- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


شىنجاڭنىڭ قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىدە بىر قېتىملىق زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى بىر تەرەپ قىلىندى
2015.01.13 16:25 مەنبە: خەلق تورى
شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ ناھىيە بازىرىدىكى سودا رايونىدا 12-يانۋار سائەت 10:10 لەر ئەتراپىدا، كىشىلەر گۇمانلىق بىر كىشىنىڭ پارتلىتىش قۇرۇلمىسى ئېلىپ يۈرگەنلىكىنى بايقاپ، دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلغان. ساقچى تەرەپ تېزدىن ھەرىكەتكە كەلگەن، زوراۋان-تېررورچى پالتا كۆتۈرۈپ ساقچىغا ھۇجۇم قىلغان ۋە پارتلىتىش قۇرۇلمىسىنى پارتلاتماقچى بولغاندا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.
بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا يەنە بەش زوراۋان-تېررورچى بەدىنىدىكى پارتلىتىش قۇرۇلمىسىنى پارتلاتماقچى بولۇپ، ج خ ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. ج خ ساقچىلىرى ۋە ئامما يارىلانمىغان.
ساقچى تەرەپ نەق مەيداندىكى كىچىك مىنىبوستىمۇ پارتلىتىش قۇرۇلمىسى بارلىقىنى بايقىغان، ھازىر بىرتەرەپ قىلىۋېتىپتۇ.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر