باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جياڭشى ئۆلكىسى نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇش پىكرىنى ئېلان قىلدى، بۇنىڭدىن كېيىن نوپۇسىغا قاراپ سالاھىيىتىغا ھۆكۈم قىلمايدۇ

2015.01.13 16:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ 11-يانۋار ئۇقۇشىچە، جياڭشى ئۆلكىسى نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇش پىكرىنى ئېلان قىلىپ، يېزا نوپۇسى ۋە شەھەر نوپۇسىغا ئايرىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئاھالە نوپۇسى دەپ بىر تۇتاش تىزىملايدىكەن، نوپۇس تۈزۈمىنىڭ تىزىملاپ باشقۇرۇش فۇنكىسيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىكەن. شەھەر-يېزىلارنىڭ بىرلىككە كەلگەن نوپۇس تىزىملاش تۈزۈمىگە ماسلاشتۇرۇپ مائارىپ، سەھىيە، پىلانلىق تۇغۇت، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىجتىمائىي كاپالەت، تۇرالغۇ ئۆي، يەر ۋە نوپۇسنى ئىستاتىستىكىلاش تۈزۈمى ئورنىتىدىكەن. بۇ بۇنىڭدىن كېيىن نوپۇسىغا قاراپ سالاھىيىتىغا ھۆكۈم قىلمايدىغانلىقتىن دېرەك بېرىدىكەن. كۆچۈش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان كىشىلەر شەھەر بىلەن يېزا ئارىسىدا كۆچۈپ ئولتۇراقلاشسا بولدىكەن؛ ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى بارلار يەرلىك نوپۇسى بار كىشىلەرگە ئوخشاش ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئاساسىي ئاممىۋى مائارىپ، داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمىتى قاتارلىق ھوقۇقتىن بەھىرلىنەلەيدىكەن.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر