- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
بىرازىلىيە ئەمگەك پارتىيەسى روسىفنى زۇڭتۇڭ نامزاتلىقىغا رەسمىي كۆرسەتتى
2014.06.23 08:38 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
بىرازىلىيە ئەمگەك پارتىيەسى بۇ يىل ئۆكتەبىردە ئۆتكۈزۈلىدىغان چوڭ سايلامدا داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتەشنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، تۈنۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك قۇرۇلتايدا ھازىرقى زۇڭتۇڭ روسىفنى بۇ پارتىيەنىڭ نامزاتلىقىغا رەسمىي كۆرسەتتى.
روسىف: ئەمگەك پارتىيەسى ئاچقان ئىنقىلاب مۇساپىسىغا داۋاملىق ۋارىسلىق قىلىمەن دېدى ھەمدە بىرازىلىيەگە «بىر يېڭى تەرەققىيات دەۋرى» ئېلىپ كېلىمەن دەپ ۋەدە بەردى. روسىف سۆزىدە يەنە يېڭى سىياسىي ئىشلارنى يولغا قويۇش پىروگراممىسىنى ئوتتۇرغا قويدى، بۇنىڭدا بىر تۈرلۈك مەملىكەت خاراكتېرلىك ئىسلاھات پىلانىمۇ بار. ئۇ: ھۆكۈمەت ئىلگىرىكى نامراتلىقنى تۈگىتىش پىلانىنى داۋاملىق يولغا قويىدۇ شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە بىرازىلىيەدە بىيۇروكراتلىق بولماسلىق، ھەممە كىشىنى ئىنتېرنېت مۇلازىمىتىگە ئىگە قىلىش قاتارلىق ئىجتىمائىي پىلاننى باشلايدۇ دېدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر