فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، 27-سېنتەبىر ، پاكىستان پىشاۋۇر ئۆلكىسىنىڭ شەھەر ئەتراپى رايونىدا ، ھۆكۈمەت خىزمەتچى خادىملىرىنى توشۇيدىغان بىر ئاپتوموبىل ھۇجۇمغا ئۇچراپ ، ئاز دېگەندىمۇ 18 ئادەم قازا قىلغان ، 40 تىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان . ساقچى تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە ، پارتلاتقۇچ ئاپتوبۇسنىڭ كەينىگە ئالدىنئالا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇلغان ، يەرلىك تالىبان توپىلاڭچىلىرى ئىلگىرى نۇرغۇن قېتىم ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ۋە پۇقرالارغا مۇشۇنداق ھۇجۇم قوزغىغان .