مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

​دىققەتنى ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى

2021.09.14 15:00 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئىلى ئوبلاستى:​

  دىققەتنى ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى

  پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ كىرىش نۇقتىسى ۋە مەۋقەسى قىلىپ، ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەر قەيەردە بولسا، دىققەتنى شۇ يەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ، كۈچەپ ھەل قىلدى.

  قىيىن نۇقتىلارنى ھەل قىلىپ، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا مەدەت بەردى

  9 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، غۇلجا شەھىرى ئاھالىسى شۆھرەت ئابدۇقېيۇم ئاپتوموبىل ھەيدەپ غۇلجا شەھىرىنىڭ بەيياڭ لىجىڭ ئولتۇراق رايونى يېنىدىكى تېز يەتكۈزۈش نۇقتىسىغا تېز يوللانما ئالغىلى بارغاندا، ئاپتوموبىل توختىتىدىغان ئورۇننى ناھايىتى ئاسانلا تاپتى. «ھازىر شەھەر رايونىدا بۇنداق ئۆلچەملىك ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانلىرى ناھايىتى كۆپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئاپتوموبىل توختىتىشى بارغانسېرى قولايلاشتى» دېدى شۆھرەت.

  بەيياڭ لىجىڭ ئولتۇراق رايونى ئەتراپىدا سودا ساراي، دوختۇرخانا بار بولۇپ، «ئاپتوموبىل توختىتىش قىيىن بولۇش» ئىزچىل ئەتراپتىكى تىجارەتچىلەر ۋە ئامما ھەل قىلىشقا ئەڭ تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلە ئىدى. بۇ يىل، شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت بۇ رايوننى ئۆزگەرتىپ، كېڭەيتىپ قۇرۇش ئارقىلىق ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىدىن 109نى يېڭىدىن كۆپەيتىپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئاپتوموبىل توختىتىش ئېھتىياجىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قاندۇردى.

  ئامما ئىنكاس قىلغان ئاپتوموبىل توختىتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىگە قارىتا، ئىلى ئوبلاستى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ پىكىر ئالماشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشى قىزىق لىنىيەسى، تور خەت ساندۇقى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، تور ۋە تور سىرتىدا كەڭ دائىرىدە پىكىر ئالدى. ئالاقىدار فۇنكسىيەلىك تارماقلار بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىپ كۈچەپ، 1175 يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكى ئەمەلىيەت مەركىزى (ئورنى، پونكىتى)گە تايىنىپ، «قىزىل جىلىتكىلىك يېتەكچى» پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى قۇرۇپ، جەمئىيەتتىكى ئاپتوموبىللارنى ئۆلچەملىك توختىتىشقا يېتەكلەپ، شەخسىي ئاپتوموبىل، توكسىكلىت، ھەمبەھرە ۋېلىسىپىت قاتارلىقلارغا مۇناسىپ توختىتىش ئورنى بەلگىلەپ، ئاپتوموبىل بېشىنى قاياققا قارىتىپ توختىتىش ئىسترېلكا بەلگىسى، ئوت ئۆچۈرۈش يولىغا ئاپتوموبىل توختىتىشنى مەنئى قىلىش بەلگىسى قاتارلىقلارنى تەسىس قىلدى.

  3 - ئايدىن ھازىرغىچە، ئىلى ئوبلاستى 83 ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىنى يېڭىدىن قۇرۇپ، ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىپ قۇرۇپ، 8000دىن ئارتۇق ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىنى يېڭىدىن كۆپەيتىپ، ئاممىنىڭ ئاپتوموبىل توختىتىشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلدى.

  خىرە نۇقتىنى دەل جايىدا تېپىپ، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا كۈچ قوشتى

  ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەڭ چوڭ خەلق تۇرمۇشى. ئىلى ئوبلاستى «توردا خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش، تور سىرتىدا يېتىشتۈرۈش» ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، كارخانىلارنىڭ «ئىشچى قوبۇل قىلىشى قىيىن بولۇش» ۋە ئەمگەكچىلەرنىڭ «ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولۇش» مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، كۆپ قاتلاملىق، كۆپ خىللاشقان ئىشچى ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىنى ئاشۇردى.

  تېكەس ناھىيەسى پۈتۈن ناھىيەدىكى توققۇز يېزا - بازاردا ئەمگەك كاپالەت ئورنىنى يېڭىدىن قۇردى، بۇ ئورۇنلار كارخانا ۋە خىزمەت ئىزدىگۈچىلەر ئۈچۈن ۋاسىتىچى بولدى. تور سىرتىدىكى ئاساسىي قاتلام ئاممىۋى مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرغاندىن باشقا، يەنە «توردىكى ئاساسىي قاتلام ئاممىۋى مۇلازىمەت سۇپىسى» قۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ ئىشچى قوبۇل قىلىشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.

  6 - ئاينىڭ بېشىدا، تېكەس ناھىيەسى تېكەس بازىرى ئازات مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى خەن يى مەھەللە ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت سۇپىسى ئارقىلىق تېكەس ناھىيەسىدىكى خېڭتۇڭ خەلقئارا مېھمانسارىيىدىن خىزمەت تاپتى. «ھازىر ھەر ئايدا 3500 يۈەن مائاش ئالىمەن، مەن بۇ خىزمەتتىن ناھايىتى رازى» دېدى خەن يى.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىلى ئوبلاستى خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، ھەر دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ داۋالاش مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈردى. ئىلى ئوبلاستلىق سەھىيە ۋە ساغلاملىق سىستېمىسى پارتىيەلىك تېببىي خىزمەتچىلەرنى كەنت، مەھەللىلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ خالىس كېسەل كۆرۈش ھەمدە داۋالاش، دورا، ساغلاملىق يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، ئاممىنىڭ داۋالىنىشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.

  توسۇقلارنى راۋانلاشتۇرۇپ، خەلققە قولايلىق مۇلازىمەتنى كۈچەيتتى

  9 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، غۇلجا شەھىرى ئاھالىسى شېن چياڭ ئىلى ئوبلاستلىق ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت زالىغا كېلىپ شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى تەكشۈرۈش كەسپىنى بېجىردى. «بەش مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقىتتا بېجىرىپ بولدۇم، خىزمەتچى خادىملارنىڭ پوزىتسىيەسىمۇ ناھايىتى ياخشى ئىكەن. ھازىر پۇقرالارنىڭ ئىش بېجىرىشى بارغانسېرى قولايلاشتى» دېدى شېن چياڭ.

  ئىلى ئوبلاستى دىققەتنى ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان مائارىپ، داۋالىنىش، كۈتۈنۈش، قاتناش، شەھەر باشقۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ پىكىر ئاڭلاش، ئېھتىياجنى سۈرۈشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىش قىلىشقا تەشكىللەپ، يۈزتۇرا بېجىرىش، توردا بېجىرىش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، ئامما «ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان» مەسىلىلەرنى كۆڭۈل قويۇپ، كۈچەپ ھەل قىلدى.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى، «12345» ھۆكۈمەت ئىشلىرى سۇپىسى، ھاكىم (شەھەر باشلىقى) خەت ساندۇقى قاتارلىق ۋاسىتىلەرگە تايىنىپ، ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقى، ئىلتىماس - تەلىپى، پىكىر - تەكلىپلىرىنى توپلاپ، مەسىلىنى ھەل قىلىش ۋاقىت چېكىنى ئايدىڭلاشتۇردى ھەم بېجىرىش نەتىجىسىنى ئاممىغا ۋاقتىدا قايتما ئىنكاس قىلدى. ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، مۇھىت تازىلىقى، ئولتۇراق رايون مۈلۈك باشقۇرۇشى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىقلارغا ئالاقىدار ئامما ئىنكاس قىلغان قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى چۆرىدەپ، بىرىنچى ۋاقىتتا ئالاقىدار تارماقلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ھەل قىلىشقا ئورۇنلاشتۇردى.

  نۆۋەتتە، ئىلى ئوبلاستلىق ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ئون تۈرلۈك ئىشنى «ئۆلكە ھالقىپ راۋان بېجىرىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «پۈتۈن مۇساپىلىك توردا بېجىرىش» «باشقا جايدا ۋاكالىتەن يىغىش، ۋاكالىتەن تاپشۇرۇش» ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، كەسپىي تارماقلارنىڭ «ئالاقە تورى + ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى» سۇپىسى، شىنجاڭ ئاقىل ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت APPسى، دۆلەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇلازىمىتى APPسى قاتارلىق كۆپ خىل قولايلىق يوللار ئارقىلىق، ئىش بېجىرمەكچى بولغان كارخانىلار ۋە ئامما باشقا جايدا ئىش بېجىرگەندە «كۆپ جايغا قاتراش» «يېنىشلاپ قاتراش» قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلدى.

  ئىلى ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى ئەمەلىيەت پائالىيىتى گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى شېن يۈرۇ مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە، ئىلى ئوبلاستى «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى داۋاملىق چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىدۇ، نۆۋەتتە، ئىلى ئوبلاستى «ئىلى ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ <مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن> تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىدىن رازى بولۇش دەرىجىسىنى باھالاش» ۋە تەكشۈرۈش سوئال قەغىزىنى تۈزۈپ، ئاممىنىڭ بۇ تۈرلۈك خىزمەتكە بولغان پىكىر - تەكلىپلىرىنى ئېلىپ، يەنە بىر قېتىم پىكىر - تەكلىپلەرنى يىغىپ رەتلەش ئارقىلىق، ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش تۈر تىزىملىكىگە تولۇقلاپ كىرگۈزۈپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان بىر تۈركۈم خەلق تۇرمۇشى ئىشلىرىنى ھەل قىلماقتا.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ