مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» پۈتۈنلەي يالغان گەپ

قاراماي شەھىرى قاراماي رايونى شۆگەي يېزىسىدىن پاختىكار گۈلزار غازى

2021.04.20 21:32 مەنبە: خەلق تورى

  مەن يېقىندا خەۋەردە H&M گۇرۇھىنىڭ «شىنجاڭنىڭ پاختىسىنى ئىشلىتىشنى توختىتىدىغانلىقى»نى، يەنە شىنجاڭدا ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» مەۋجۇت دەپ تۆھمەت قىلغانلىقىنى كۆردۈم، شىنجاڭلىق ياش بولۇش سۈپىتىم بىلەن شۇلارنى دېمەكچىمەنكى، بىزنىڭ بۇ يەردە ھېچقانداق «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» مەۋجۇت ئەمەس، ئۇلارنىڭ بۇنداق سەۋەبسىزلا پىتنە-ئىغۋا تارقىتىپ ۋە بايقۇت قىلىشى ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرىدۇ.

  مەن بىر پاختىكار، ئاچام ئىككىمىز شۆگەي يېزىسىدا 200 مو كېۋەزلىكنى ھۆددىگە ئالدۇق، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى مۇشۇنىڭغا تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىدۇق. ئۇرۇق تاللاش جەھەتتە، بىز يەنىلا كەنتىمىزدىكى «ئۈچ ئەل» خىزمەت ئەترىتىگە رەھمەت ئېيتىمىز. بىز ئەينى چاغدا ئېتىز-ئېرىقنى ھۆددىگە ئالغاندا، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر بىر كېۋەز تېرىش مۇتەخەسسىسىنى باشلاپ ئالايىتەن ئۆيىمىزگە كېلىپ، بىزگە نۇرغۇن قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى ئۆگەتتى، بىزگە ياخشى ئۇرۇقنى تاللاپ بەردى، تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆگەتتى، ئەترەت ئەزالىرىمۇ دائىم بىزگە ياردەملىشىپ دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى قىلىپ بەردى، بىز بۇنىڭدىن ناھايىتى ئىللىقلىق ھېس قىلدۇق. كۈز كەلدى، بىزنىڭ پاختا مەھسۇلاتىمىز ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، كىرىمىمىز يۈز نەچچە مىڭ يۈەنگە يەتتى. بىزنىڭ بەدەل تۆلەپ ئېرىشكەن ھوسۇلىمىزنى كۆرۈپ، بىز بەك خۇشال بولدۇق.

  غەربتىكى ئاشۇ كارخانىلار، ھۆكۈمەت بىز ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنى پاختا تېرىشكە مەجبۇرلىدى، دەپ جۆيلۈۋاتىدۇ. 2012-يىلىدىن ئىلگىرى، ھەر يىلى 9-ئايدىن 11-ئايغىچە بولغان پاختا يىغىش پەسلى بىزنىڭ ئەڭ ئالدىراش ۋاقتىمىز ئىدى. بىزنىڭ يېرىمىز كۆپ، ئادەم ئاز بولغاچقا، پاختا تەرگۈچىلەرنى بالدۇرلا قوبۇل قىلاتتۇق، بىز يول كىراسى، ياتاق-تاماق ھەققىنى كۆتۈرە ئېلىشقا ۋەدە بېرىپ، ھەر كىلوگىرام پاختىنى تېرىش ھەققىنىڭ قانچە پۇل ئىكەنلىكىنى مەسلىھەتلىشىۋالاتتۇق، يەنە پىششىق تونۇشىدىغان پاختا تەرگۈچىلەرگە يەنە بىر قىسىم كىشىلەرنى تونۇشتۇرۇشنى ئېيتاتتۇق. پاختا تەرگەنلەر كۆپ ئىشلىگەنلەر كۆپ ئالىدۇ، پاختا تەرگۈچىلەر ناھايىتى جاپاغا چىدايدىغان بولۇپ، يەنە نەچچە قولى ئارتۇق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىپ كېتەتتى، ئەتىگەندىن كەچكىچە توختىماي تېرىپ، بىر ئايدا 20-30 مىڭ يۈەن تاپالايدۇ، ئاز بولغاندىمۇ 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق تاپىدۇ. مېنىڭچە ئۇ چەت ئەل كارخانىلىرىنىڭ يالغانچىلىقى بەك كۈلكىلىك، ئەگەر پاختا تەرگۈچىلەر مەجبۇرلانغان بولسا، يەنە شۇنداق ئاكتىپ ھالدا تالىشىپ تۇرۇپ پاختا تەرگىلى بارامتى؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر ماشىنىلاشقان پاختا تېرىش تېخنىكىسى پىشىپ يېتىلدى، پاختا تېرىش ماشىنىسى قولدا پاختا تېرىشنىڭ ئورنىنى ئالدى، پاختا تەرگۈچىلەرگە بولغان ئېھتىياجمۇ خېلىلا ئازايدى. يالغان گەپ ھەقىقىي ئەھۋالنى ياپالمايدۇ، بىزنىڭ بۇ يەردە ھېچقانداق «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» ئىشى يوق.

  شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما تىرىشچانلىققا تايىنىپ بېيىدى، H&M نىڭ ئاغزىغا كەلگەننى جۆيلۈپ، يامان نىيەتتە ھۇجۇم قىلىشى بىزنىڭ مەنپەئەتىمىزگە زىيان يەتكۈزۈپلا قالماي، بىزنىڭ ھېسسىياتىمىزغىمۇ زىيان يەتكۈزدى، بىز پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئۇلارغا قاتتىق ئېتىراز بىلدۈرىمىز!

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ