باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرەيلى

2016.10.28 15:03         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئالتۇن كۈزدە ھەممىلا جاي مول ھوسۇل شادلىقىغا چۆمدى. ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 6 - ئومۇمىي يىغىنى غەلىبىلىك يېپىلدى. بۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىغا 95 يىل بولغان، قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەر غەلىبىسىگە 80 يىل بولغان تارىخىي نۇقتىدا، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرىدىغان ئاچقۇچلۇق پەيتتە ئېچىلغان بىر قېتىملىق ناھايىتى مۇھىم يىغىن. ئومۇمىي يىغىندا ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5 - ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيانقى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ خىزمەتلىرى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرگە يۈكسەك باھا بېرىلدى. ئومۇمىي يىغىندا، پارتىيە قۇرۇلۇشى دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپىلەر ئومۇميۈزلۈك تەھلىل قىلىنىپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى، بولۇپمۇ پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش توغرىسىدىكى نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەتلەر سىستېمىلىق خۇلاسىلىنىپ، يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش خىزمىتى توغرىسىدا يېڭى مۇھىم ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىنغان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈشتىكى قەتئىي ئىرادىسى ۋە تارىخىي مەسئۇلىيىتى، ھەم پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئورتاق ساداسى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈلگەن بولۇپ، پارتىيەنىڭ باشتىن - ئاخىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ قۇدرەتلىك رەھبەرلىك كۈچى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، «بەش بىر گەۋدە» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماسلاشتۇرۇپ ئىلگىرى سۈرۈش، نۇرغۇن تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشنى تېخىمۇ ياخشى ئېلىپ بېرىش، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا زور ئەھمىيەتكە ھەم چوڭقۇر تەسىرگە ئىگە.

  دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇش كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىننىڭ روشەن باش تېمىسى. 88 مىليوندىن ئارتۇق ئەزاسى بار چوڭ پارتىيە، 1 مىليارد 300 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسقا ئىگە چوڭ دۆلەتتە ئۇزاقتىن بۇيان ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەنىڭ بۇ باش تېمىسى پارتىيە قۇرۇلۇشىغا نىسبەتەن مۇناسىۋىتى زور ھەم ئومۇملۇققا چېتىلىدۇ. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيەمىز ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 -، 4 -، 5 - ئومۇمىي يىغىنلىرىنى ئېچىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش خىزمەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇردى. بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىندا پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش مەخسۇس تېمىدا تەتقىق قىلىندى. بۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى كۆزدە تۇتۇپ چىقارغان ئومۇمىي لايىھەسى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەدبىرىنىڭ تەدرىجىي قانات يايدۇرۇلۇشى، چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈشىدىن ئىبارەت. پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى كۈچەيتىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىش يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم تېما، شۇنداقلا پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم تۇتقىسى. پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى قاتتىق باشقۇرۇش پارتىيەمىزنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى ۋە سىياسىي ئەۋزەللىكى، شۇنداقلا پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشنىڭ ئاساسى. پارتىيە ئۆزىنى باشقۇرۇشنى ئالدى بىلەن پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى باشقۇرۇشتىن باشلاش؛ پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇشنى ئالدى بىلەن پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى قاتتىق باشقۇرۇشتىن باشلاش كېرەك. پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، شۇنداقلا پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشنىڭ مۇھىم كاپالىتى بولۇپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى ئورنى پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك نازارەتچىلىك ئۇسۇللىرى ئىچىدە ئەڭ ئاساسلىق، ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن.

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىندا مىزان تۈزۈش، نىزامغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى قارار قىلىشى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۆزدە تۇتۇپ، ئىدىيە ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇش بىلەن پارتىيەنى تۈزۈم ئارقىلىق باشقۇرۇشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇشتىكى زور ئورۇنلاشتۇرمىسىدىن ئىبارەت. ئىككى ھۆججەتنىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكى ۋارىسلىق قىلىش بىلەن يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكى بولۇپ، پارتىيەمىزنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش جەھەتتىكى تەجرىبە - ساۋاقلىرى چوڭقۇر يەكۈنلىنىپ، پارتىيەمىز ئۇزاق ئەمەلىيەت داۋامىدا شەكىللەندۈرگەن تۈزۈم ۋە بەلگىلىمىلەرگە ۋارىسلىق قىلىنىپ، پارتىيەمىزنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى جارى قىلدۇرۇلغان، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى جانلىق ئەمەلىيىتى ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلىنىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتىدە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى توپلانغان ھەم يېڭى ۋەزىيەتتىكى پارتىيە قۇرۇلۇشى دۇچ كېلىۋاتقان يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەر چوڭقۇر تەھلىل قىلىنىپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇش ۋە پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكتە ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەر بىۋاسىتە ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلاردىن ئىبارەت بۇ «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار» مەركەز قىلىنىپ، يېڭى تۈزۈم ۋە ئورۇنلاشتۇرما شەكىللەندۈرۈلۈپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇش ۋە پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنى تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش، تەرتىپلەشتۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، پارتىيەنىڭ ئىجادچانلىقى، ئۇيۇشۇشچانلىقى ۋە جەڭگىۋارلىقىنى ئۆستۈرۈش تېخىمۇ كۈچلۈك تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە قىلىنغان.

  بىر دۆلەت ۋە بىر پارتىيەدە رەھبەرلىك يادروسى ئىنتايىن مۇھىم. جۇڭگودەك بۇنداق چوڭ دۆلەت ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىدەك بۇنداق چوڭ پارتىيەدە، پۈتۈن پارتىيەنى ئۇيۇشتۇرۇپ، خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، خىرىسلارنى يېڭىپ، دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەپ، پارتىيەمىزنىڭ باشتىن - ئاخىر كۈچلۈك ماركسىزملىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان پارتىيە ھەم جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قۇدرەتلىك رەھبىرىي كۈچ بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە پۈتۈن پارتىيەنىڭ بىر يادروسى بولۇشى كېرەك. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە ۋە ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنى باشلاپ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت ئۇلۇغ قۇرۇلۇشتا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق، ئىچكى ئىشلار، دىپلوماتىيە، دۆلەت مۇداپىئەسى، پارتىيە، دۆلەت ۋە ئارمىيەنى ئىدارە قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە زور رېئال ئەھمىيەتكە ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بىر قاتار نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىشنى ئىشقا ئاشۇردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى ئۇلۇغۋار كۈرەش ئەمەلىيىتىدە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىغا ئايلاندى. بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىندا «يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى» رەسمىي ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە ۋە ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى ئەكس ئەتتۈرۈلدى. بۇ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىشنىڭ تۈپ كاپالىتى، يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى ئېلىپ بېرىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ تەخىرسىز تەلىپى. بۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى، پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە مەركەزلىك بىرلىككە كەلگەن رەھبەرلىكىنى قوغداپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە ۋە ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ كۈچىنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، خىرىسلارنى يېڭىپ، پۈتۈن پارتىيەنى بىردەك ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە كاپالەتلىك قىلىشتا ناھايىتى زور ھەم چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە.

  تارىخىي بۇرچ قانچە شەرەپلىك بولغانسېرى، ئىلگىرىلەش يولى قانچە كېڭەيگەنسېرى، پارتىيەمىز ئومۇمىيەتنى ياخشى پىلانلاپ، يۆنىلىشنى تېخىمۇ ياخشى يېتەكلىشى كېرەك. ئومۇمىي يىغىندا ج ك پ مەملىكەتلىك 19 - قۇرۇلتىيىنى 2017 - يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا بېيجىڭدا ئېچىش قارار قىلىندى. بۇ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى چوڭ ئىش بولۇپ، پۈتۈن پارتىيە پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 -، 4 -، 5 - ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئىشەنچنى مۇستەھكەملەپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلىشى، بولۇپمۇ ئىدىيە ۋە نەزەرىيە تەييارلىق خىزمىتى، تەشكىلىي تەييارلىق خىزمىتى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات خىزمىتى، ئىدېئولوگىيە خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، ئىجتىمائىي ئىناقلىق ۋە مۇقىملىقنى ھەقىقىي قوغداپ، ئەلا نەتىجىلىرى بىلەن پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشى كېرەك.

  ئارزۇ ئىلگىرىلەش يولىنى يورۇتۇپ تۇرىدۇ، ئەمدى تىرىشىپ ئىلگىرىلەيدىغان ۋاقىت كەلدى. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى پۇختا تىكلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرلىككە كەلگەن رەھبەرلىكىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوغداپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىستىلى دۇرۇس، كەيپىياتى توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيەنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى دەل جايىدا تېخىمۇ پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەممە بىر نىيەتكە كېلىپ، ئىرادىدىن مۇستەھكەم سېپىل ھاسىل قىلىپ، «ئىككى 100 يىل» كۈرەش نىشانى ھەم جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر